صفة الوضوء والصلاة (مرئي)

صفة الوضوء والصلاة (مرئي)

PROJ-187

Language: lang_ug
Prepared by:
Version: 1.0
Translations 42
Akan Amharic Assamese Bengali +38
Attachments 7
PDF
Audio
Video
+3

تاھارەتنى قانداق ئالىمەن؟

م

ئاۋاز

1

ئەزان ئاۋازى

2

«ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار،»

[سۈرە مائىدە 6-ئايەت].

3

تاھارەتسىز ناماز بولمايدۇ، نىيەتسىز تاھارەت بولمايدۇ، ئىخلاسسىز نىيەت بولمايدۇ، نىيەتنىڭ ئورنى تىل ئەمەس بەلكى قەلبدۇر.

4

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

تاھارەتنىڭ ئاۋۋىلىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن تاھارىتىمىزنى باشلايمىز ئاندىن مۇمكىن بولسا ئېغىزىمىزنى تازىلاش ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىمىز.

5

ئىككى ئالقىنىمىزنى ئۈچ قېتىم يۇيىمىز، بارماقنىڭ ئەتراپىدىن باشلاپ ئالقاننىڭ بېغىشىغىچە يۇيىمىز.

6

ئىككى ئالقىنىمىزنى ئىككى بېغىشىغىچە ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ قېتىم يۇيىمىز.

7

ئالدى بىلەن ئوڭ ئالقىنىمىزنى ئۈچ قېتىم يۇيىمىز، ئۇنىڭغا ئۇلاپ سول ئالقاننى ئۈچ قېتىم يۇيىمىز.

8

ئوڭ ئالقاننى ئاندىن سول ئالقاننى ئاندىن ئوڭ ئالقاننى ئاندىن سول ئالقاننى يۇيۇش دۇرۇس بولغاندەك دۇرۇس بولىدۇ.

9

بارماقلىرىنىڭ ئارىسىغا سۇ كىرگەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك.

10

ئاندىن ئېغىز ۋە بۇرۇننى يۇيۇمىز.

11

ئېغىزنى يۇيۇش دېگەن: سۇنى ئېغىزغا ئېلىپ ئېغىزنىڭ ئېچىدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئاندىن سېرتقا چېقىرۋېتشتىن ئىبارەتتۇر.

12

بۇرنىغا سۇ ئىلىش دېگەن: ئېچىگە نەپەس ئىلىش بىلەن بۇرنىغا سۇنى كىرگۈزۈپ ئاندىن ئۇنى سول قولى بىلەن بۇرنىدىن چېقىرۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر.

13

روزىدار بولمىغان ھالەتتە ئېغىز ۋە بۇرۇنغا سۇ ئالغىنىمىزدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۇ ئىلىشىمىز سۈننەتتۇر.

14

ئېغىز ۋە بۇرۇنغا سۇ ئېلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

15

ئۇلاش: بىر ئۇۋۇچ سۇنى ئېلىپ ئۇنىڭ يېرىمىدە ئېغىزنى چايقاپ قالغان يېرىمىدە بۇرنىمىزنى تازىلايمىز.

سۇنى ئېغىزدا ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئاندىن سېرتقا چىقىرىمىز، بۇرۇننىڭ ئېچىگە ئالغان سۇنى سول قولىمىز بىلەن چېقىرىمىز.

بۇنى سۇدىن ئۈچ ئۈۋۇچ ئېلىپ ئۈچ قېتىم تەكرارلايمىز.

16

ئەمما ئايرىش بولسا: ئېغىزىمىزغا ئايرىم بىر ئۇۋۇچ سۇ ئالىمىز، بۇرنىمىزغىمۇ شۇنداق قىلىمىز، بىر ئۇۋۇچ سۇنى ئېغىزىمىزغا تولدۇرۇپ، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئاندىن سېرتقا چېقىرىمىز، يەنە بىر ئۇۋۇچ سۇنى بۇرنىمىزغا كىرگۈزۈپ ئاندىن مېشقىرىپ سول قولىمىز بىلەن چېقىرىمىز.

17

ئېغىز ۋە بۇرۇننى چايقاپ بولغاندىن كېيىن يۇز يۇيىلىدۇ.

18

يۈز دېگەن ئۇزۇنلىقتا: بېشىنىڭ چاچ ئۈنگەن يېرىدىن باشلاپ ئىڭىكىنىڭ ئاستىغىچە، كەڭلىكتە: ئىككى قۇلاقنىڭ ئارىسىدىكى جايدۇر.

19

يۈزدىكى ھەممە تۈكلەرنى يۇيۇش ۋاجىپ بولماقلىق بىلەن يەڭگىل ساقال- بۇرۇت، قاش- كىرپىك، ئاستىن كالپۇكنىڭ ئاستىغا ئۈنگەن ماقالغا ئوخشاش ھەممە يەرلەرنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

20

يۈزنى يۇيۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

21

بىرىنچى: ئىككى قولىمىزغا ئوۋۇچلاپ سۇ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈزىمىزنى ئادەتتە بېشىمىزنىڭ چاچ ئۈنگەن يېرىدىن باشلاپ ئىڭىكىمىزنىڭ ئاستىغىچە، ئوڭ قۇلاقتىن سول قۇلاققىچە بولغان ئارىلىقنى يۇيىمىز. ئەگەر ساقال قويۇق بولسا، زاڭاقنىڭ ئاستىغا سۇ كېرگۈزۈپ ساقالنى ئارىلاش سۈننەتتۇر.

بۇنى ئۈچ قېتىم قىلىمىز، بۇ مۇكەممەللىكتۇر، ئىككى قېتىم ياكى بىر قېتىم قىلسىمۇ بولىدۇ بۇنداق قىلىش ۋاجىپتۇر.

22

ئىككىنچى: سۇنى پەقەت ئوڭ قولىمىز بىلەن ئالىمىز، ئاندىن ئۇنى يۈزىمىزگە قىلىپ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىككى قولىمىز بىلەن يۈزىمىزنى يۇيىمىز، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايمىز.

23

تاھارەتتىكى ئەزالارنى تەرتىپ بىلەن يۇيۇش ۋاجىپتۇر، شۇنىڭدەك ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش ۋاجىپتۇر، بۇرۇن يۇيىلىدىغان ئەزا كېيىن يۇيۇلمايدۇ، كېيىن يۇيىلىدىغان ئەزا بۇرۇن يۇيۇلمايدۇ، تاھارەت تەرتىپ بىلەن بولىدۇ.

24

يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قولنى يۇيىمىز.

25

ئىككى قولنى يۇيۇشتىكى ۋاجىپ بولغان ئۆلچەم: بارماقنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ ئىككى جەينەككىچە ۋە ئىككى جەينەكنى قىتىپ يۇيۇشتۇر.

26

ئوڭ قولنىڭ بارمىقىنىڭ ئەتراپىدىن باشلاپ يۇيۇشنى باشلايمىز، ئىككى ئالقاننى گېرەلەشتۈرۈش بىلەن بارماقلارنىڭ ئارىسىنى ئارىمىز، ئاندىن سۇنى جەينەككىچە يەتكۈزىمىز.

27

ئاندىن سول قولنى يۇيۇمىز، قولنىڭ بارمىقىدىن باشلاپ بارماقلارنىڭ ئارىسىنى ئارىش بىلەن بىرگە جەينەك بىلەن قېتىپ يۇيىمىز.

28

باشقا مەسىھ قىلىمىز، ئىككى قولىمىزنى يېڭى سۇ بىلەن نەم قىلىمىز، ئاندىن نەم قىلىنغان قولىمىزنى بېشىمىزنىڭ ئالدى تەرىپىگە قويۇپ بېشىمىزنىڭ ئۈستىدىن گەردىنىمىزگە ئاپىرىمىز ئاندىن يەنە باشلىغان ئورۇنغا قايتۇرىمىز، باشنىڭ بەلگىلىمىسىدە چېچى بار كىشى بىلەن تاقىرباش كىشىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوقتۇر.

29

بېشىمىزغا مەسىھ قىلىپ ئاشقان سۇ بىلەن ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىمىز، بۇنى بىر قېتىم قىلىمىز.

30

ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىشنىڭ سۈپىتى: ئىككى كۆرسەتكۈچ بارماقنى ئىككى قۇلاقنىڭ تۆشۈكىگە كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىمىز. باش بارماق بىلەن ئىككى قۇلاقنىڭ سېرتىغا مەسىھ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئىككى قۇلاقنىڭ ئېچى ۋە سېرتىغا مەسىھ قىلغان بولىمىز.

31

ئاندىن ئىككى پۇتنى يۇيۇمىز: ئىككى پۇتنى يۇيۇشتا ۋاجىپ بولغان ئۆلچەم: پۇتىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئەتراپىدىن باشلاپ ئىككى ھوشۇقىغىچە ۋە ئىككى ھوشۇق قوشۇپ يۇيىلىدۇ.

32

ئوڭ پۇتنى يۇيۇش بىلەن باشلايمىز: پۇتنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلايمىز، پۇتنىڭ دۈمبىسى ۋە ئىككى ھوشۇقنى قېتىپ يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز.

33

ئاندىن ئوڭ پۇتنى يۇغانغا ئوخشاش سول پۇتنى يۇيىمىز، بارماقلارنىڭ ئارىسىنى ئارىلاشنى ئۇنۇتمايمىز، ھوشۇققا سۇ يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە تاپاننى كامىل يۇيۇمىز.

34

ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن.

35

تاھارەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەسەردە بايان قىلىنغان زىكىر ۋە دۇئالارنى ئوقۇش سۈننەتتۇر. بۇ دۇئانى زىيادە قىلىش سۈننەتتۇر:

36

ئى ئاللاھ! مېنى تەۋبىسى قوبۇل بولغۇچىلاردىن ۋە پاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن.

37

ياكى

ئى ئاللاھ! سېنى مەدھىيەلەش بىلەن سېنى پاك دەپ ئۇلۇغلايمەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن.

م

ئىكراندا يىزىقلىق

1

قانداق تاھارەت ئالىمەن؟.

2

«ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار،»

[سۈرە مائىدە 6-ئايەت].

3

ئىككى قولنى يۇيۇش.

4

ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى يۇيۇش.

5

ئۇلاش.

6

ئايرىش

7

يۈزنى يۇيۇش

8

بىرىنچى

9

ئىككىنچى

10

نىيەت قىلىش ۋە بىسمىللاھ دېيىش

11

ئىككى قولنى يۇيۇش

12

ئېغىزنى چايقاش

13

بۇرۇننى تازىلاش.

14

يۇزنى يۇيۇش

15

ئىككى قولنى ئىككى جەينەك بىلەن قېتىپ يۇيۇش.

16

باش ۋە ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىش

17

ئىككى پۇتنى ھوشۇق بىلەن قېتىپ يۇيۇش

18

ئىككى قولنى يۇيۇش

19

باشغا مەسىھ قىلىش

20

باشنىڭ باشلىنىشى؛ پىشانىنىڭ ئادەتتە چاچ ئۈنگەن يىرىدىن باشلىنىدۇ.

21

باشنىڭ ئاخىرى؛ گەردەننىڭ چاچ ئۈنگەن يېرىنىڭ ئاخىرىدۇر.

22

ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىش

23

ئىككى پۇتنى يۇيۇش

24

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئوتتىن ئازابلانغان تاپان ئىگىسىنىڭ ھالىغا ۋاي! تاھارەتنى كامىل ئېلىڭلار.»

ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

25

«ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن.»

[مۇسلىم رىۋايىتى].

26

ئى ئاللاھ! مېنى تەۋبىسى قوبۇل بولغۇچىلاردىن ۋە پاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن.

[تىرمىزى رىۋايىتى].

27

«ئى ئاللاھ! سىنى مەدھىيەلەش بىلەن سىنى پاك دەپ ئۇلۇغلايمەن. سەندىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن».

نەسائى "كېچە ۋە كۈندۈزدىكى ئەمەل" ناملىق كىتابىدا رىۋايەت قىلغان.

نامازنى قانداق ئوقۇيمەن؟.

ناماز باشلاش تەكبىرىدىن باشلاپ سالام بەرگۈچە نامازدۇر.

م

ئاۋاز

1

تەكبىر ئاۋازى

2

تەكبىر ئاۋازى داۋاملىشىۋاتىدۇ..

نىيەت قىلىش ناماز ئادا قىلغۇچى تۇنجى قېتىم قىلىدىغان ئىش بولۇپ، نىيەتنىڭ ئورنى قەلىبتۇر.

3

قىبلىگە يۈزلىنىمىز، سىز ئىمام بولۇڭ ياكى يالغۇز ناماز ئادا قىلىڭ ، ئالدىڭىزغا توساق(سۇترە) قويۇڭ

4

ئاللاھۇ ئەكبەر

بۇ ناماز باشلاش تەكبىرى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن نامازغا كىرىمىز، بۇنى چوقۇم تىلى بىلەن تەلەپپۇز قىلىش كېرەك.

5

تەكبىر ئېيتقان ۋاقىتتا ئىككى قولىمىزنى ئىككى دولىمىزنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرۈمىز، بارماقلىرىمىزنىڭ ئېچىنى قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز.

ياكى:

ئىككى قولىمىزنى ئىلگىركىگە ئوخشاش ئىككى قۇلىقىمىزنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرىمىز

6

ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن ئىككى قولىمىزنى كۆكسىمىزگە ياكى كۆكسىمىزنىڭ ئاستى كىندىكنىڭ ئۈستىگە ياكى كىندىكنىڭ ئاستىغا قويىمىز بۇنىڭ ھەممىسى توغرىدۇر.

ئوڭ ئالقىنىمىزنى سول قولىمىزنىڭ ئۈستىگە قويىمىز.

ياكى ئوڭ ئالقىنىمىز بىلەن سول ئالقىنىمىزنىڭ دۈمبىسىدىن چىڭ تۇتىمىز.

ياكى ئوڭ قولىمىز بىلەن سول جەينىكىمىزنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇمىز.

7

«ئى ئاللاھ! مەن بىلەن مېنىڭ خاتالىقلىرىمنىڭ ئارىسىنى مەغرىب بىلەن مەشرىقنىڭ ئارىسىدەك يېراق قىلغىن. ئى ئاللاھ! ئاق كىيىمنى كىردىن پاك قىلغاندەك مېنى خاتالىقلىرىمدىن پاك قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى قار بىلەن، سۇ بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيىۋەتكىن»

ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن قىرائەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى نامازغا كېرىش دۇئاسىنى ئوقۇيمىز، بىر قانچە تۈرلۈك ناماز باشلاش دۇئاسى كەلگەن بولۇپ، ھەر بىرىدىن ئارىلاپ -ئارىلاپ ئوقۇش سۈننەتتۇر.

8

ئاللاھقا سېغىنىپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن.

نامازغا كېرىش دۇئاسىغا ئۇلاپ ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم ، ئاندىن پاتىھە سۈرىسى ئوقۇلىدۇ.

9

تەمكىنلىك ۋە خۇشۇ بىلەن ئايەتنى دانىمۇ-دانە ئوقۇيمىز.

10

ئامىن.

پاتىھەدىن كىيىن «ئامىن» دېيىش ناماز ئادا قىلغۇچى ئىمام بولسۇن ياكى ئىمامغا ئەگەشكۈچى بولسۇن ياكى يالغۇز ناماز ئادا قىلغۇچى بولسۇن ھەر بىرى ئۈچۈن ئوخشاشلا سۈننەتتۇر. «ئامىن» كەلىمىسى پاتىھە سۈرىسىدىن بىر ئايەت ئەمەس. ئۇنىڭ مەنىسى: ئى ئاللاھ! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن دېگەنلىكتۇر.

11

پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىمدىن ئاسان بولغان ئايەتنى ئوقۇيمىز، بىر سۈرىنى كامىل ئوقۇيمىز ياكى بىر سۈرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئوقۇيمىز، تىلاۋەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى يەڭگىل تۇرىمىز.

12

ئاللاھۇ ئەكبەر..

قىيامدىن رۇكۇغا بارغاندا يۆتكۈلۈش تەكبىرىنى ئېيتىمىز.

بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا ئىككى قولىنى كۆتۈرىدىغان ئىككىنچى ئورۇندۇر، بۇ ۋاقىتتا ئىككى قولىمىزنى ئىككى دولىمىزنىڭ ياكى ئىككى قۇلاقنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرۈشىمىز سۈننەتتۇر.

13

ئىككى ئالقاننى ئىككى تىزنىڭ ئۈستىگە قويىمىز، بارماقلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى ئاچىمىز، خۇددى ئىككى تىزىمىزنى چاڭگاللاپ تۇتقاندەك تۇتىمىز.

رۇكۇدا راۋرۇس تۇرىمىز، ئىككى قولىمىزنى ئىككى بېقىنىمىزدىن يىراق قىلىمىز، بىر تەرەپكە مايىل بولۇپ كەتكۈدەك بوشلۇق قويمايمىز.

14

دۈمبە ياچاق شەكلىدە بولماستىن تەپتۇز بولىدۇ، باش دۈمبە بىلەن ئوخشاش تۈز بولىدۇ يەنى ئۈستۈنمۇ بولمايدۇ ۋە تۆۋەنمۇ بولمايدۇ.

15

«سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم»

تەسبىھنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايمىز، بۇ مۇكەممەللىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى، تەسبىھنى بىر قېتىم دېيىش كۇپايە قىلىدۇ، خالىساق زىيادە قىلىمىز، ھەدىستە كەلگەن تۈرلۈك تەسبىھلەرنى ئوقۇيمىز.

16

رۇكۇدا دېيىلىدىغان زىكىرلەرمۇ تۈرلۈك بولىدۇ.

17

سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ

بۇ سۆزنى بىزنىڭ بىرىمىز ئۆزى يالغۇز ناماز ئادا قىلغاندا ياكى ئىمام بولغاندا رۇكۇدىن تۇرغاندا دەيمىز.

18

ئىككى قولىمىزنى ئىككى دولىمىزنىڭ ياكى ئىككى قۇلىقىمىزنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرىمىز، بۇ ئىككى قولىمىزنى كۆتۈرىدىغان ئۈچىنچى ئورۇندۇر.

19

ئاندىن راۋرۇس تۇرۇپ ئۆرە تۇرغان ھالەتتە مۇنداق دەيمىز:

«رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ»

20

رۇكۇدىن بېشىمىزنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىككى قولىمىزنى قىيامدا تۇرغاندەك تۇتىمىز ياكى ئىككى يانغا سىلىپ تۇرىمىز.

21

رۇكۇدىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن ئۇزۇنراق تۇرۇش سۈننەتتۇر.

22

ئاللاھۇ ئەكبەر

ئاندىن قىيامدىن سەجدىگە يۆتكۈلۈش تەكبىرىنى ئېيتقان ھالەتتە سەجدىگە بارىمىز.

ئىككى تىزىمىزدىن بۇرۇن ئىككى قولىمىزنى قويىمىز ياكى ئىككى قولىمىزدىن بۇرۇن ئىككى تىزىمىزنى قويىمىز، بىزگە بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئاسان بولسا شۇنى قىلىمىز.

23

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە تەلىم بەرگەندەك يەتتە ئەزاغا سەجدە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

پېشانە بۇرۇن بىلەن، ئىككى ئالقان، ئىككى قەدەم ۋە ئىككى تىز.

24

ئىككى قەدەمنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئەتراپىنى قىبلىنىڭ تەرىپىگە يۈزلەندۈرىمىز، ئىككى پۇتىمىزنى تىكلەيمىز.

ئىككى يوتىنىڭ ئارىسىنى ئاچىمىز، قورسىقىمىزنى ئىككى يوتىمىزدىن كۆتۈرەيمىز.

جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلغاندا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرمىگەن ھالەتتە ئىككى بىلىكىمىزنى ئىككى بېقىنىمىزدىن يىراق قىلىپ يەردىن كۆتۈرەيمىز.

ئىككى ئالقىنىمىزنى ئىككى دولىمىزنىڭ ياكى ئىككى قۇلاقنىڭ باراۋېرىدە قىلىمىز.

25

«سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا»

تەسبىھنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايمىز، بۇ مۇكەممەللىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى، تەسبىھنى بىر قېتىم دېيىش كۇپايە قىلىدۇ، خالىساق زىيادە قىلىمىز. ھەدىستە كەلگەن تۈرلۈك تەسبىھلەرنى ئوقۇيمىز. دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن دۇئالارنى قىلىمىز.

26

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يىقىن بولىدىغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدە قىلغان ۋاقتىدۇر، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار».

27

ئاللاھۇ ئەكبەر

تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە سەجدىدىن بېشىمىزنى كۆتۈرىمىز.

سول پۇتىمىزنى يايىمىز، تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمىز، ئوڭ پۇتىمىزنى تىكلەيمىز، ئۇنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىنىڭ تەرىپىگە يۈزلەندۈرىمىز.

ياكى

ئىككىلى قەدەمنى تىكلەپ، ئىككى تاپاننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرىمىز.

ئوڭ جەينىكىمىزنى ئوڭ يوتىمىزنىڭ ئۈستىگە يايىمىز، سول جەينىكىمىزنى سول يوتىمىزنىڭ ئۈستىگە يايىمىز، تېزىمىزدا ياكى تېزىمىزنىڭ ئۈستىدە.

28

رەببىم! مېنى كەچۈرگىن..

بۇ دۇئانى ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا تەمكىن ئولتۇرغان ھالەتتە قىلىمىز.

29

ئاللاھۇ ئەكبەر

تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە ئىككىنچى سەجدىگە بارىمىز، شەكىل ۋە زىكىردە بىرىنچى سەجدىدىكىگە ئوخشاشتۇر.

30

ئاللاھۇ ئەكبەر

بىرىنچى رەكەتنى ئادا قىلغان سۈپەت بويىنچە ئىككىنچى رەكەتنى ئادا قىلىمىز:

ئىككى قولنى قويۇش، پاتىھە سۈرىسىنى قىرائەت قىلىش، قۇرئان كەرىمدىن بىر ياكى بىر قانچە ئايەتنى تىلاۋەت قىلىش...

ئاندىن رۇكۇ قىلىمىز.

ئاللاھۇ ئەكبەر

ۋە رۇكۇدىن تۇرىمىز.

سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە

ئاندىن سەجدىگە بارىمىز.

ئاللاھۇ ئەكبەر

ئىككى سەجدىنى قىلىمىز ئاندىن تەشەھھۇت ئۈچۈن ئولتۇرىمىز.

ئاللاھۇ ئەكبەر

ئاللاھۇ ئەكبەر

ئاللاھۇ ئەكبەر

31

ئىككىنچى رەكەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى ئولتۇرۇش تەشەھھۇت ئۈچۈن بولىدۇ، ئىككى پۇتىمىزنى يېيىپ ئولتۇرۇمىز.

32

پۇتىنى يېيىپ ئولتۇرۇش بامدات، جۇمە ۋە ئىككى ھېيت نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكەتلىك نامازلاردا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۈچ رەكەتلىك ۋە تۆت رەكەتلىك نامازلاردا ۋە ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتىمۇ بولىدۇ.

33

بەدەن قۇرۇلمىسى چوڭ، ئۇستىخانلىق ياكى پۇتى ئاغرىيدىغان ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پۇتىنى يېيىپ ئولتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشىلەر، ئۆزىگە ئاسان بولغان قايسى شەكىلدە ئولتۇرسا بولىدۇ.

34

تەشەھھۇتتا: ئوڭ قولىمىزنى كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىزدىن باشقا ھەممە بارماقلارنى چىڭ تۇتۇپ ئوڭ يوتىمىزنىڭ ئۈستىگە قويىمىز، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىمىز.

35

ياكى باش بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى ھالقا قىلىپ كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىمىز.

36

سول قولىمىزنى بولسا سول يوتىمىزنىڭ ئۈستىگە يايىمىز ياكى تىزىمىزنى چىڭ تۇتۇمىز.

تەشەھھۇتتا: ئوڭ قولىمىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا قارىشىمىز مۇستەھەپ بولىدۇ.

37

«ئەتتەھەيياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەن نەبىييۇ، ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىين، ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھۇ»

ناماز ئۈچ رەكەتلىك ياكى تۆت رەكەتلىك بولسا بىرىنچى تەشەھھۇتتا پەقەت ئەتتەھەيياتۇنى ئوقۇيمىز.

ئەگەر ناماز بامدات، جۈمە ۋە ئىككى ھېيت نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكەتلىك نامازلاردىن بولسا، تەشەھھۇتنى دۇرۇت ئىبراھىمىيەنى ئوقۇش بىلەن تاماملايمىز

«ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد، ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد»

38

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى

تەشەھھۇت ۋە ھەدىستە كەلگەن دۇئالار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن سالام بېرىلىدۇ، بۇ ئىككى رەكەتلىك نامازلاردا بولىدۇ.

39

ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن سۆزنى پەس ئاۋازدا ئاڭلىتىمىز.

ئەمما ناماز ئۈچ رەكەتلىك شام نامىزى ياكى تۆت رەكەتلىك پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامىزى بولسا.

40

ئەگەر شام نامىزى ئوقۇغان بولساق، بىرىنچى تەشەھھۇتتىن كېيىن تۇرۇپ بىر رەكەت ئوقۇيمىز، ئەگەر پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن بولسا، ئىككى رەكەت ئوقۇيمىز، بۇنىڭدا ئىلگىرى رۇكۇ، سەجدە، قىيام ۋە ئولتۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلاردا بايان قىلىنغان تەپسىلاتلارنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە پەقەت پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمىز،

41

ئاللاھۇ ئەكبەر

42

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى تەشەھھۇتلىك ھەرقانداق نامازنىڭ ئاخىرىقى تەشەھھۇتىدا ئىككى پۇتىنى بىر تەرەپتىن چېقىرىپ ئولتۇراتتى.

43

ئىككى پۇتىنى بىر تەرەپتىن چېقىرىپ ئولتۇرۇش ئۈچ رەكەتلىك ۋە تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇتىدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىر قانچا تۈرلۈك شەكلى بولىدۇ:

44

سول پۇتىنى يايىىدۇ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەيدۇ، ئىككىسىنى ئوڭ تەرەپتىن چېقىرىدۇ، ئىككى كاسىسىنى زېمىندا قىلىدۇ.

ياكى

ھەر ئىككى پۇتىنى يايىدۇ، ھەر ئىككىسىنى ئوڭ تەرەپتىن چېقىرىدۇ.

ياكى

ئوڭ پۇتىنى يايىدۇ سول پۇتىنى ئوڭ يوتىسى بىلەن پاچىقىنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزىدۇ

45

ئاخىرقى تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا، ئەتتەھەيياتۇنى ئوقۇيمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام ئېيتىمىز.

46

تەشەھھۇتتىن كېيىن ۋە سالام بېرىشتىن ئىلگىرى تۆت ئىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمىز: جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن، قەبرىنىڭ ئازابىدىن، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن ۋە مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمىز.

دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن خالىغان نەرسىلەرنى تىلەپ دۇئا قىلىمىز.

47

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى

نامازنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە نامازدىن چىققانلىق پەقەت سالام بېرىش بىلەن بولىدۇ.

48

سالام بېرىش بىلەن نامازنى ئاخىرلاشتۇرغان بولىمىز.

ئەستەغپەىرۇللاھ..ئەستەغپەىرۇللاھ...ئەستەغپەىرۇللاھ...

49

سۈننەت ئەمەللەردىن: ناماز ئادا قىلغۇچى نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئىستىغپار ئېيتىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە كەلگەن نامازدىن كىيىن ئوقۇيدىغان دۇئا-زىكىرلەرنى ئوقۇيدۇ.

م

ئىكرانغا يېزىقلىق

1

ئىمام بولغاندا ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا

2

ناماز باشلاش تەكبىرى

3

ئىككى قولىمىزنى ئىككى دولىنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرۈمىز.

4

ياكى ئىلگىرى بايان قىلغاندەك ئىككى قۇلىقىمىزنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرىمىز.

5

ئىككى قولىمىزنى كۆكسىمىزنىڭ ئۈستىگە قويىمىز.

6

ياكى كىندىكنىڭ ئۈستىدە قويىمىز.

7

ياكى كىندىكنىڭ ئاستىدا قويىمىز

8

ئوڭ قولىمىزنى سول ئالقىنىمىزنىڭ ئۈستىدە قويىمىز.

9

ياكى ئوڭ قولىمىز بىلەن سول جەينىكىمىزنى تۇتىمىز.

10

ناماز باشلاش دۇئاسى

11

«ئى ئاللاھ! مەن بىلەن مېنىڭ خاتالىقلىرىمنىڭ ئارىسىنى مەغرىب بىلەن مەشرىقنىڭ ئارىسىدەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئاق كىيىمنى كىردىن پاك قىلغاندەك مېنى خاتالىقلىرىمدىن پاك قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى قار بىلەن، سۇ بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيىۋەتكىن» [مۇسلىم رىۋايىتى].

12

سۈننەتكە ئاساسەن بو توغرىدىكى تۈرلۈك دۇئالارنى ئوقۇيمىز.

13

پاناھلىق تىلەش

14

ئاللاھقا سېغىنىپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن.

15

پاتىھە سۈرىسى

16

(ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىلئالەمىن، ئەررەھمانىررەھىم، مالىكى يەۋمىددىن، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين، ئىھدىنەسسىراتەلمۇستەقىم، سىراتەللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرۇلمەغزۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين)

17

ئامىن

18

ئى ئاللاھ! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن دېمەكتۇر.

19

قۇرئان كەرىمدىن ئاسان بولغان ئايەتلەرنى ئوقۇيمىز.

20

رۇكۇ

21

ئاللاھۇ ئەكبەر

22

دۈمبىمىزنى ئوقيا شەكىلدە قىلماستىن تەپ تۈز قىلىمىز.

23

سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم

24

ھەدىستە بايان قىلىنغان رۇكۇدا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەردىن:

25

سۇببۇھۇن قۇددۇسۇن رەببۇل مەلائىكەتى ۋەررۇھ

26

سۇبھانە رەببىنا ۋەبىھەمدىكە ئاللاھۇممەغپىرلى..

27

سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھۇ

28

رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ ھەمدەن كەسىيرەن تەييىبەن مۇبارەكەن پىيھى

29

ئىككى قولىمىزنى تاشلاپ تۇرىمىز.

30

ياكى قىيامدا تۇرغاندەك تۇرىمىز.

31

سەجدىلەر

32

پېشانە بۇرۇن بىلەن

33

ئىككى ئالقان

34

ئىككى تىز

35

ئىككى پۇت

36

سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا

37

«بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يىقىن بولىدىغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتىدۇر، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار». [مۇسلىم رىۋايىتى].

38

پۇتنى يېيىپ ئولتۇرۇش

39

ئىككى پۇتنى تىكلەپ ئولتۇرۇش.

40

رەببى ئىغپىرلى دەپ (ئۈچ قېتىم دېيىش)

41

ئاللاھۇممە ئىغپىرلى، ۋەرھەمنى، ۋەجبۇرنى، ۋەھدىنى، ۋەرزۇقنى..

42

بامدات نامىزى

43

جۈمە نامىزى

44

ئىككى ھېيت نامىزى

45

پېشىن نامىزى

46

ئەسىر نامىزى

47

شام نامىزى

48

خۇپتەن نامىزى

49

«ئەتتەھەيياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەن نەبىييۇ، ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىين، ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھۇ»

50

«ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد، ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد»

51

پېشىن-ئەسىر- شام-خۇپتەن.

52

بامدات-جۇمە-ئىككى ھېيت نامىزى

53

«ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد، ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد»

54

ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ

55

ئاخىرقى رەكەتتە ئولتۇرغاندا سول پۇتىنى چېقىرىدۇ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەيدۇ، كاسىسىدا ئولتۇرىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى].

56

ئىككى پۇتىنى بىر تەرەپتىن چېقىرىپ ئولتۇرۇش

57

«ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن: جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن، قەبىرنىڭ ئازابىدىن، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن ۋە مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

58

«ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلارنى پەقەت سەن مەغپىرەت قىلىسەن، ئۆز ھوزۇرىڭدىن مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن بەك مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇرسەن» [بۇخارى رىۋايىتى].

59

(ئەستەغپىرۇللاھ (ئۈچ قېتىم دەيدۇ).

60

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «بەندە قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ ئەمەللىرىدىن تۇنجى بولۇپ نامازدىن ھېساب بېرىدۇ، ئەگەر نامىزى تولۇق بولسا، نىجات تاپتى ۋە ئۇتۇق قازاندى، ئەگەر نامىزى تولۇق بولمىسا خار بولدى ۋە زىيان تارتتى» [ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسائى رىۋايىتى].