Skip to content

«بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆتىۋېتىدۇ دېدى،

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆتىۋېتىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقاندا ئاللاھمۇ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋەتتى».

«كان رجلٌ يُدَايِنُ الناسَ، فكان يقول لفتاه: إذا أتيتَ مُعسِرًا فتجاوز عنه، لعل اللهَ يَتجاوزُ عنا، فلقي اللهَ فتجاوز عنه».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر بىلەن قەرز ۋە نېسى سودا مۇئامىلىسى قىلغان كىشى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئۇ كىشى خىزمەتچىلىرىنى كىشىلەردىن قەرزنى يېغىپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، ئۇلارغا مۇنداق دەيتتى: قەرز ئادا قىلىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا بارغىنىڭدا ئۇ كىشىدە كەمبەغەللىكتىن قەرز ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە بولمىسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەت، ياكى مەلۇم مۇددەت مۆھلەت بەرگىن، قەرزنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالمىغىن. ياكى ئاز بولسىمۇ بەرگەننى ئىلىپ، قالغىنىنى ئۇ كىشى ئويلىغىنىدەك ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆتىۋېتىش ياكى بەزىسىنى بولسىمۇ ئەپۇ قىلىۋېتىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتسە ئاللاھ ئۇ كىشىدىن خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋېتىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

يداين: يكثر من التعامل مع الناس بالدين.

فتاه: غلامه الذي يكلفه بالعمل.

أتيت معسرًا: لمطالبته بما عليه.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىش، قىيىنچىلىقىنى ئۆتىۋېتىش بەندىنى قىيامەت كۈنىدە قۇرتۇلۇشنىڭ ئەڭ كاتتا سەۋەپلىرىدىندۇر.

كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئاللاھ ئۈچۈن ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىش، خاتالىقلار كەچۈرۈم قىلىنىدىغان سەۋەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىش.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (11)

سەھى بۇخارى (4/ 176) (3480).

سەھى مۇسلىم (3/ 1196) (1562).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 458).

التنوير شرح الجامع الصغير.

للصنعاني (8/ 123).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (16/ 402).

مرقاة المفاتيح شرح مشكاة المصابيح.

للقاري (5/ 1953).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين (2/ 945).