«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈنلەيدۇ، مۇئمىنمۇ كۈنلەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۈنلىشى بولسا، مۇئمىننىڭ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشقا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر».
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈنلەيدۇ، مۇئمىنمۇ كۈنلەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۈنلىشى بولسا، مۇئمىننىڭ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشقا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر».
«إِنَّ اللهَ يَغَارُ، وَإِنَّ الْمُؤْمِنَ يَغَارُ، وَغَيْرَةُ اللهِ أَنْ يَأْتِيَ الْمُؤْمِنُ مَا حَرَّمَ عَلَيْهِ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كۈنلەيدىغانلىقى، غەزەپلىنىدىغانلىقى، ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ كۈنلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، مۆمىن كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھارام قىلغان زىنا، بەچچىۋازلىق، ئوغۇرلۇق، ھاراق ئېچىش قاتارلىق پاھىشە ئىشلارغا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلغاندا ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن ۋە ئازابىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ (10)
سەھى بۇخارى (7/ 35) (5223).
سەھى مۇسلىم (4/ 2114) (2761).
تطريز رياض الصالحين.
لفيصل المبارك (ص62).
شرح رياض الصالحين.
لابن عثيمين (1/ 496).
نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (1/ 96).
صفات الله عز وجل الواردة في الكتاب والسنة.
لعلوي السَّقَّاف (ص267).