«بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق»
ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئېدى، ئۇ مۇنداق دېگەن:
«بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق»
كُنَّا لا نَعُدّ الكُدرَةَ والصُّفْرَةَ بعدَ الطُّهرِ شيئًا.
ئۇلۇغ ساھابە ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىن چىققان دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
الْكُدْرَةُ: هو الماء الذي تراه المرأة كالماء الوسخ الكدر.
الصُّفْرَةَ: هو الماء الذي تراه المرأة كالصديد يعلوه اصفرار.
ئايال ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىقلار گەرچە قاندىن چىققان بولسىمۇ ئۇ ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
ھەيز -ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا ئاياللاردىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىق ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەيز ۋاقتىدىكى قاندىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ سۇ بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
ئايال ھەيزدىن كېيىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىق سەۋەبىدىن نامازنى ۋە روزىنى تەرك قىلمايدۇ، بەلكى تاھارەت ئېلىپ نامازنى ئادا قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (6)
سەھى بۇخارى (1/ 72) (326).
سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (1/ 226) (307).
توضيح الأحكام.
للبسام (1/ 450).
سُبل السلام.
للصنعاني (1/ 153).