Skip to content

«ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقەدۇر».

جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقەدۇر».

«كُلُّ مَعْرُوفٍ صَدَقَةٌ».

ئىمام بۇخارى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن، ئىمام مۇسلىم ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن رىۋايەت قىلغان
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، كىشىلەرگە مەنپەئەتى يېتىدىغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتلەردىن بولغان ياخشىلىق سەدىقە بولىدۇ، بۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

معروف : المعروف اسم جامع لكل ما فيه نفع للآخرين من قول أو فعل.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

سەدىقە ئىنسانلار سەرپ قىلىدىغان پۇل-مال بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ئەمەلى ۋە ئاغزاكى ھەرىكەتلىرى بىلەن باشقىلارغا پايدىلىق بولغان ھەممە ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

بۇ ھەدىس كىشىلەرگە پايدىسى يېتىدىغان ھەرقانداق ئىشتا ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

گەرچە ئاز بولسىمۇ ھېچ قانداق بىر ياخشىلىقنى تۆۋەن كۆرمەسلىك كېرەك.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (6)

سەھى بۇخارى (8/ 11) (6021).

سەھى مۇسلىم (2/ 697) (1005).

منحة العلام في شرح بلوغ المرام.

لعبد الله الفوزان (10/ 117).

توضيح الأحكام من بلوغ المرام.

للبسام (7/ 341).