Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 3

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«ئەمەللەر ئالتە تۈرلۈكتۇر، ئىنسانلار تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت مەۋجۇتتۇر. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە ۋە ياخشىلىق ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە بولىدۇ. ئەمما ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ. ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا: كىمكى ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى كۆڭلىدە ھېس قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىدۇ، ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر يامانلىق قىلغان كىشىگە بىر يامانلىق يېزىلىدۇ، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر نەرسىنى نەپىقە قىلسا ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتە يۈز ياخشىلىق بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلار: دۇنيادا كەڭرىچىلىكتە، ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيادا قىيىنچىلىقتا بولغان ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغان، دۇنيا-ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيا -ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغانلاردىن ئىبارەتتۇر».
ھەسەن. ئەھمەد رىۋايىتى
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىسى! نەپىقە قىلغىن، ساڭىمۇ نەپىقە قىلىنىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئەپۇچانلىقنى زىيادە قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئەزىز بولىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋېىسىنى ئاللاھ تائالا يۇقىرى قىلىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى