«دۇئا ئىبادەتتۇر
نۇمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«دۇئا ئىبادەتتۇر» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].
«الدُّعَاءُ هُوَ الْعِبَادَةُ»، ثُمَّ قَرَأَ: «{وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ} [غافر: 60]».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئانىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق دۇئانى تەلەپ بولسۇن ياكى بىر نەرسە سوراش بولسۇن خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش، ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى سوراش، زىيانلىق بولغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشنى تىلەش كېرەك. دۇئا ئىبادەت بولغان ئىكەن، ئۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئاشكارا-يوشۇرۇن بولسۇن، قەلبى ئىبادەت ياكى بەدەنى ئىبادەت بولسۇن ياكى مالىي ئىبادەت بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».
...:
دۇئا ئىبادەتنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلىش توغرا بولمايدۇ.
دۇئا: بەندىچىلىكنىڭ ھەقىقىتىنى، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكىنى، تەڭداشسىز قۇدرىتىنى، بەندىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتىپ چوڭچىللىق قىلىش ۋە دۇئانى تەرك قىلىشنىڭ جازاسىنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتىدىغانلارنىڭ خار بولغان ۋە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ھالەتتە جەھەننەمگە كىرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (12)
سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (2/ 603) (1479).
سۈنەن تىرمىزى (5/ 292) (3247).
سۈنەن ئىبنى ماجە. (5/ 5) (3828).
مۇسنەد ئەھمەد (30/ 297) (18352).
توضيح الأحكام من بلوغ المرام.
للبسام (7/ 546).
منحة العلام في شرح بلوغ المرام.
لعبد الله الفوزان (10/ 416).
فتح ذي الجلال والإكرام.
لابن عثيمين (6/ 480).
سبل السلام بشرح بلوغ المرام.
للصنعاني (2/ 707).