كائىناتنى كىم ياراتتى؟ مېنى كىم ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن؟.
مەن ھەق يولدىمۇ؟ ئاسمان زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى ساناقسىز مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟. ئاسمان زېمىندىكى ناھايتى ئىنچىكە، پۇختا قۇرۇلمىنى كىم بارلىققا كەلتۈرگەن؟. ئىنساننى كىم ياراتتى؟ ئۇنىڭغا كۆز، قۇلاق، ئەقىلنى كىم بەردى؟ كىم ئۇنى ھەقىقەتلەرنى بىلىدىغان، ئۆگۈنۈش ئارقىلىق ئۆزىنى يىتىلدۇرەلەيدىغان قىلدى؟.
These files are generated automatically from the book's text; their layout may differ from the printed edition.
كائىناتنى كىم ياراتتى؟ مېنى كىم ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن؟.
مەن ھەق يولدىمۇ؟
ئاسمان زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى ساناقسىز مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟.
ئاسمان زېمىندىكى ناھايتى ئىنچىكە، پۇختا قۇرۇلمىنى كىم بارلىققا كەلتۈرگەن؟.
ئىنساننى كىم ياراتتى؟ ئۇنىڭغا كۆز، قۇلاق، ئەقىلنى كىم بەردى؟ كىم ئۇنى ھەقىقەتلەرنى بىلىدىغان، ئۆگۈنۈش ئارقىلىق ئۆزىنى يىتىلدۇرەلەيدىغان قىلدى؟.
سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ئىنچىكە قۇرۇلمىلارنى، ئەزالارنى كىم ئىجاد قىلدى؟ سىزنى كىم شەكىلگە كەلتۈردى ۋە شەكلىڭىزنى كىم چىرايلىق قىلدى؟.
جانلىقلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى ۋە تۈرلۈك شەكىلدە يارىتىلىشىنى تەپەككۇر قىلىڭ، كىم ئۇنى چەكسىز گۈزەل سەنئەت بىلەن ياراتتى؟.
بۇ كاتتا كائىنات يىللاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئىنچىكە ئېنىق بېكىتىلگەن پىرىنسىپى بويۇنچە قانداقمۇ مۇقىم ئىنتىزام بىلەن داۋاملىشىدۇ؟
ھاياتلىق، ئۆلۈم، ھاياتلارنىڭ نەسىللىنىشى، ئەۋلاد قالدۇرىشى، كېچە، كۈندۈز، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق بۇ ئالەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان سىستىملارنى كىم بېكىتتى؟.
كائىنات ئۆزىنى ئۆزى ياراتتىمۇ؟ ياكى يوق نەرسىدىن پەيدا بولدىمۇ؟ ياكى تاسادىپى پەيدا بولدىمۇ؟، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟» «ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ» [سۈرە تۇر 35-36-ئايەتلەر].
ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز پەيدا قىلالمىساق، بىزنىڭ تاسادىپى ياكى يوقلۇقتىن پەيدا بولۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا شەكسىز ھەقىقەت: مۇشۇ كائىناتنى پەيدا قىلىدىغان كاتتا، ھەممىگە قادىر بىر ياراتقۇچىنىڭ بولىشى زۈرۈر، چۈنكى مۇشۇنداق كاتتا كائىناتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى پەيدا قىلىشى ياكى يوق شەيئىدىن پەيدا بولۇپ قىلىشى ياكى تاسادىپى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئىنسان ئۆزى كۆرمىگەن (ئىدراك قىلىش، ئەقىل، روھ، تۇيغۇ ۋە سۆيگۇ قاتارلىق) نەرسىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ؟، چۈنكى ئىنسان پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەمەس ئەسىرىنى كۆرىدىغان تۇرسا؟، ئىنسان قانداقمۇ مۇشۇ كاتتا كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ؟. ھالبۇكى ئىنسان ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرىدە، قىلغان ئىشلىرىدا ۋە رەھىم-شەپقەت قىلىشىدا ئۇنىڭ ئەسىرىنى كۆرىدىغان تۇرسا؟.
ئەقىل ئىگىسىگە بۇ ئۆي بىرسى بىنا قىلمىسىمۇ مۇشۇنداقلا ئۆزى ياسىلىپ قالغان دېسە، ياكى يوق نەرسە بۇ ئۆينى پەيدا قىلدى دېسە، بۇ سۆزنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇنداقتا بەزى ئىنسانلار مۇشۇ كاتتا كائىنات ھېچ بىر ياراتقۇچىسىز پەيدا بولغان دېگەن سۆزگە قانداق ئىشىنىدۇ؟. ئىنچىكىلىك بىلەن سېستىملاشتۇرۇلغان كائىنات تاسادىپى پەيدا بولۇپ قالغان دېسە ئەقىل ئىگىسى بۇنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟.
بۇنىڭ ھەممىسى بىزنى بىر نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: مۇشۇ كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى، چەكسىز قۇدرەتلىك يېگانە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئۇنىڭ ئىبادەتكە ئەڭ لايىق ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىنىۋاتقان ۋە چوقۇنىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى باتىل بولۇپ، ئۇلار ئىبادەت قىلىنىشقا ھېچ لايىق ئەمەستۇر.
پەرۋەردىگار كاتتا ياراتقۇچىدۇر.
بۇ يەردە بىر ياراتقۇچى ئاللاھ بار، ئۇ بولسىمۇ ھەممىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى، ئىشلارنى تەدبىر قىلغۇچى، ھەممىگە رىزىق، ھايات ۋە ئۆلۈم ئاتا قىلغۇچى زاتتۇر. ئۇ ئاللاھ زېمىننى ياراتتى، بويسۇندۇردى، زېمىننى مەخلۇقاتلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە يارايدىغان قىلدى، ئۇ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە ئاسمانلاردىكى بارلىق كاتتا مەخلۇقاتلارنى ياراتتى، قۇياش، ئاي، كېچە ۋە كۈندۈز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كاتتىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىنچىكە سېستىملارنى تۇرغۇزدى.
ئاللاھ بىزگە ھاۋانى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ھاۋا بولمايدىكەن ھاياتلىق بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، دېڭىز، دەريا، ئوكيانلارنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ھېچ قانداق كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولمىغان تۆرەلمە ھالىتىمىزدە بىزنى غىزالاندۇردى ۋە بىزنى مۇھاپىزەت قىلدى، ئاللاھ بىز دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر تومۇرلىرىمىزدە سېستىملىق ھالەتتە قان ئايلىنىدىغان قىلدى.
بۇ ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى رەب ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلادۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر ـ بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ)؛ ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر». [سۈرە ئەئراپ 54-ئايەت].
ئاللاھ تائالا بولسا مۇشۇ كائىناتتىكى بىز كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە رەببىدۇر، ئاللاھدىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىدۇر. يەككە يىگانە ئاللاھ ئىبادەتكە ئەڭ لايىقتۇر. ئىبادەتتە ئاللاھقا ھېچ نەرسە شېرىك قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالاغا مۇلكىيەتتە، يارىتىشتا، كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ۋە ئىبادەتتە ھېچ نەرسە شېرىك ئەمەستۇر.
ئەگەر بىز ئاللاھ تائالا بىلەن بىرگە يەنە بىر ئىلاھ بار دەپ پەرەز قىلساق، ئەلبەتتە بۇ كائىنات بۇزىلىدۇ، چۈنكى بۇ كاتتا كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىلاھنىڭ ئىدارە قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئەگەر ئاسمان ـ زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر» [سۈرە ئەنبىيا 22-ئايەت].
ياراتقۇچى پەرۋەردىگارنىڭ سۈپەتلىرى.
رەببىمىز! ئاللاھنىڭ چەكسىز گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئۆزىنىڭ كامالىيىتىنى بىلدۈرىدىغان ئالى سۈپەتلىرى بار. ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن: ياراتقۇچى، ئاللاھ، بۇنىڭ مەنىسى: يەككە-يېگانە ھېچ شېرىكى يوق، دائىم ھايات بولغان، پۈتۈن ئىشلارنى تەدبىر قىلىدىغان، شەپقەتلىك، رىزىق ئاتا قىلغۇچى، ئېسىل-سېخى ئىبادەتكە لايىق بولغان ئاللاھدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر». [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد ئېيىتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ» [سۈرە ئىخلاس 1-4-ئايەتلەر].
ئىبادەت قىلىنغۇچى رەببىمىز مۇكەممەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر.
ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن: «المألوه المعبود» ئۇ ئىبادەت قىلىنغۇچى يالغۇز ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى بۇيرۇلغۇچى، تەكلىپ قىلىنغۇچى ۋە بويسۇندۇرۇلغۇچى مەخلۇقتۇر.
ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن: «الحي القيوم» ئۇ دائىم ھاياتتۇر، كائىناتتىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالا پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە ھاياتلىق ئاتا قىلدى ۋە يوقلۇقتىن بار قىلدى. ئاللاھ تائالا بارلىق جانلىقلارنى ئىدارە قىلىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى، رىزقى ۋە ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. رەببىمىز ئاللاھ ئەبەدى ھاياتتۇر، ئۇنىڭ يوق بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇ ئۇخلىمايدۇ بەلكى ئۇنى مۇگىمۇ باسمايدۇ ۋە ئۇيقىمۇ تۇتمايدۇ، بەلكى دائىم كائىناتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن: «العليم» ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچى بولۇپ، ئاسماندا ۋە زېنىدا ھېچ بەرسە ئاللاھ تائالاغا مەخپى قالمايدۇ.
ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن: «السميع البصير» ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھەممە سۆز-تاۋۇشلىرىنى ئاڭلايدۇ ۋە ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچكەن ۋە دىلىدا مەخپى بولغان ھەممە نەرسىنى بىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ.
ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن: «القدير» ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىر بولۇپ ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالانى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، ھېچ كىم ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى قايتۇرالمايدۇ. ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ ۋە خالىغاننى چەكلەيدۇ، ئىلگىرى قىلىدۇ، كېيىن قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرىدا چەكسىز ھېكمەت باردۇر.
ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن: «الخالق الرازق المدبر» ئاللاھ رىزىق بەرگۈچى، ياراتقۇچى ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە ئۇلارنىىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچىدۇر. بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىدۇر.
ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۆزىگە يالۋۇرغۇچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ، ئەنسىزلىكتە قالغان كىشىگە ئەمىنلىك بېرىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىنى قۇتقۇزىدۇ، ھەر قانداق بىر مەخلۇق قىيىنچىلىقتا قالسا ياكى ئەنسىزلىكتە قالسا جىددى ھالەتتە ئاللاھقا ئىلتىجا قېلىدۇ.
ئىبادەت پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بولىدۇ. ئىبادەتكە ئاللاھ ئۆزىلا يالغۇز ھەقلىقتۇر، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىۋاتقان نەرسىلەر بىكار، كەمچىل-ناقىس بولۇپ، ئۇلار ئۆلىدۇ ۋە يوق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ئەقىلنى رىزىق قىلىپ بەردى، ئاللاھ تەبىئىتىمىزدە ياخشى ئىشلارنى ياقتۇرىدىغان، ناچار ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈدىغان قىلدى، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىنغاندا كۆڭۈللەر ئارام تاپىدۇ، ئىنساندىكى بۇ تەبىئەت ئاللاھ تائالانىڭ كامالىيىتىنى بىلدۈرىدۇ، ئاللاھ تائالا نۇقسانى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ. بەلكى ئۇ بارلىق نۇقسانلاردىن پاكتۇر.
ساغلام ئەقىل پەقەت ھەممىدىن كامىل بولغان زات ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشى تەقەززا قىلىدۇ. ئىنسان ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۆزىدىنمۇ تۆۋەنرەك، ناقىس بىر مەخلۇققا قانداقمۇ ئىبادەت قىلسۇن.
مەئبۇدنىڭ ئىنسان ياكى بۇت-ھەيكەل ياكى دەرەخ ياكى ھايۋان بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
رەببىمىز ئاسماندا، ئەرش ئۇستىدە ئۆزىنىڭ شەئنىگە لايىق ھالدا قارار ئالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ئايرىمدۇر. ئۇنىڭ زاتىدا مەخلۇقاتلارغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە يوقتۇر. ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچ بىرىگە ئورۇنلاشمايدۇ ۋە مۇجەسسەملەشمەيدۇ.
پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچ نەرسە يوق، ئۇ ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ، ئۇ مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. ئاللاھ ئۇخلىمايدۇ، غىزالانمايدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغلۇقتا تەڭداشسىزدۇر، ئۇنىڭ ئايالى ياكى بالىسى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ياراتقۇچىنىڭ كاتتا سۈپىتى بولۇپ؛ ئۇنىڭ ئېھتىياج ۋە ناقىسلىققا دالالەت قىلىدىغان ئىشلار بىلەن سۈپەتلىنىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر. ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر» [سۈرە ھەج 73-74-ئايەتلەر].
بىزنىڭ كاتتا ياراتقۇچىمىز بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ بىزدىن نېمە خالايدۇ؟
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەقسەتسىز ياراتتى دېيىش ئەقىلگە ئۇيغۇن بولامدۇ؟، ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەتلىك زات بۇنى بىكارغا ياراتتىمۇ؟.
بىزنى مۇشۇنداق پۇختا قانۇنىيەت بىلەن تەرتىپلىك يارىتىپ ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بېرىپ بىزنى ھېچ قانداق غايە-نىشاننى مەقسەت قىلماي تاشلاپ قويۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولامدۇ؟. بىز نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا؟، ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلار بولىدۇ؟، بىزنى يارىتىشتىكى ئاساسلىق غايە نېمە؟ دەپ زىھنىمىزنى مەشغۇل قىلغان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشىمىز مۇھىم بولىدۇ.
ياخشىلىق قىلغۇچىغا مۇكاپات، زالىمغا جازا بولماسلىق ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟». [سۈرە مۆمىنۇن 115-ئايەت].
بەلكى ئاللاھ تائالا بىزنىڭ مەۋجۇت بولىشىمىزنىڭ ئاساسلىق غايىسىنى بىلدۈرۈش، بىزنى ئاللاھ تائالاغا قانداق يېقىنلاشتۇرۇش ۋە قانداق ئىبادەت قىلىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن بىزدىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟!، بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا قانداق ئېرىشىمىز؟، نېمە ئۈچۈن بىزگە ئۆلگەندىن كىيىنكى ئورنىمىز توغرىسىدا خەۋەر بەردى؟.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئىبادەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈش ۋە بىزنىڭ ئۆزىگە قانداق ئىبادەت قىلىشىمىزنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىزگە ئۆزىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىسىنى يەتكۈزۈش، شۇنداقلا ھاياتىمىزنىڭ گۈزەل بولىشى، ياخشىلىق ۋە بەرىكەتلىك بولىشى ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاقلارنى تۇرغۇزۇشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش نۇرغۇن پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى-پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىل ۋە مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلاندۈردى. ئۇلارنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئېنىق قىلىپ بۇ ھاياتنىڭ سىناق ئىكەنلىكى، ھەقىقى ھاياتنىڭ بولسا ئۆلگەندىن كېيىن بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
ئۇ يەردە يالغۇز بىر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغان، ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنگەن مۇئمىنلەر ئۈچۈن جەننەت بار، ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى قېتىپ ئىبادەت قىلغان ياكى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئىنكار قىلغان، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدىن قايسى بىرگە بولسۇن ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا تەييارلانغان دوزاخ بار.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇر». [سۈرە ئەئراپ 35-36-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. شۇڭا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر. بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا قارشى تۇرۇشتا) ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار. ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار. (ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ». [سۈرە بەقەرە 21-26-ئايەتكىچە ].
نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى كۆپ؟
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ھەممە ئۇممەتكە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، ھەر بىر مىللەتكە ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق چاقىرىقى مىللىتىنى يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىشتۇر. ھەرقانداق بىر مىللەت ئاللاھنى بىر بىلىشتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىقسا ياكى رەت قىلسا، پەيغەمبەرنىڭ ئىتائىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يۆلىنىشىنى توغرىلاپ ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت ساغلام پىترەتكە قايتۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىكنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تاماملىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن قىيامەتكىچە كامىل دىننى ۋە ئەبەدىيلىك شەرىئەتنى ئىلىپ كەلدى. بۇ شەرىئەت ئۆزىدىن ئىلىگىرىكى شەرىئەتنىڭ بەزىسىنى مۇكەممەللەشتۇرگەن بولسا، بەزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ دىننىڭ قىيامەتكىچە باقى بولۇشى ۋە داۋام قىلىشىغا ئاللاھ تائالا ئۆزى كەپىل بولدى.
ئىنسان بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتمىغۇچە مۇئمىن بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەلەرنى ئەۋەتتى، بارلىق ئىنسانلارنى ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرىنىڭ ئەلچىلىكىگە ئىنكار قىلغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كاپىر بولغان بولىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھقا ئۇنىڭ ۋەھيىسىنى رەت قىلىشىدىنمۇ ئېغىر گۇناھ بولمايدۇ، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن چوقۇم بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش لازىم بولىدۇ.
مۇشۇ زاماندا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشى، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىشى، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشى ۋاجىبتۇر. بۇ قىيامەتكىچە ئاللاھ تائالا قوغدايدىغان قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئەبەدىي مۆجىزە بىلەن كۈچلاندۇرۇلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىشىنىش ۋە ئەگىشىش ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرگە ئىشەنمىگەن، ئۇلارغا ئەگىشىشنى رەت قىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يالغانغا چىقارغۇچى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار. ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق». [سۈرە نىسا 150-151-ئايەتلەر].
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار (ئاللاھ تائالا قانداق بۇيرىغان بولسا) ئاللاھ تائالاغا، ئاخىرەت كۈنىگە، ئاللاھنىڭ بارلىق ئەلچى-پەيغەمبەرلىرىگە، سەماۋىي كىتاپلىرىغا ئىشىنىمىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار): ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ. ئۇلار: بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ». [سۈرە بەقەرە 285-ئايەت].
قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب؟.
قۇرئان كەرىم بولسا ئاللاھ تائالانىڭ كالامى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھيىدۇر، بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان كاتتا مۆجىزىلەرنىڭ بىرىدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى ھۆكۈملەر ھەقتۇر، بايان قىلىنغان خەۋەرلەر راستدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغانلارغا ئۇنىڭدىكى بىر سۈرىنىڭ ئوخشىشىنى بولسىمۇ كەلتۈرۈپ بېقىشقا چاقىرىق قىلغاندا، ئۇلار قۇرئان كەرىم ئۆز ئېچىگە ئالغان مەزمۇننىڭ كاتتىلىقى ۋە ئومۇملىقى، ئىنساننىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ھاياتىغا ئالاقىدار بولغان بارلىق تېمىلارنى شۇنداقلا ئىشىنىش ۋاجىپ بولغان ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىسىنىڭ ئوخشىشىدىن بىرنىمۇ كەلتۈرۈشكە قادىر بولالمىدى ۋە بۇنىڭدىن ئاجىز كەلدى. شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىم ئىنسان ئۆزى بىلەن رەببىنىڭ ياكى ئۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ ياكى ئۆزى بىلەن باشقا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلاردا ۋاجىپ بولىدىغان بۇيرۇق-چەكلىمىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ناھايتى يۈكسەك بالاغەت ۋە تەڭداشسىز پەساھەت بىلەن بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر. قۇرئان كەرىم نۇرغۇن ئەقلى دەلىللەرنى ۋە ئىنسانلارنىڭ يىزىپ چېقىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، بەلكى ئىنسانلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىلمى ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئىسلام دېگەن نېمە؟.
ئىسلام؛ ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن ئاللاھقا تەسلىم بولۇش، تائەت-ئىبادەتتە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش، ئاللاھنىڭ شەرئىي پىرىنسىپلىرىنى رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلىش، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىنكار قىلىش.
ئاللاھ تائالا بارلىق ئەلچىلەرنى پەقەت بىر رىسالە بىلەنلا ئەۋەتتى، ئۇ بولسىمۇ: ھېچ شېرىكى يوق، يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىنىدىغان ۋە چوقۇنۇلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىنكار قىلىش.
ئىسلام بولسا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چاقىرىقى بىر، شەرىئەت پىرىنسىپلىرى پەرقلىقتۇر. مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈندە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن توغرا بولغان بىر دىنغا مۇستەھكەم ئېسىلغۇچىدۇر. مۇشۇ زاماندىكى ئىسلام رىسالىسى ھەقتۇر، بۇ ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئاخىرقى رىسالىدۇر. ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ئەلەيھىسسالاملارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن رەب تەئالا بىردۇر. ئىسلام شەرىئىتى ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن بارلىق شەرئىي پىرىنسىپلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچىدۇر.
بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ چوقۇنىدىغان ۋە ئىبادەت قىلىدىغان ئىسلامدىن باشقا دىنلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئىشلاردۇر، ياكى ئەسلىدە ئىلاھى دىن بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزگەرتىشى بىلەن خالىغانچە بۇرمىلىنىپ ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئىجتىھادلىرى، قەدىمدىن بىر-بىرىگە قالدۇرۇلغان خۇراپى توقۇلمىلار ئارىلىشىپ باتىلغا ئايلىنىپ كەتكەن دىندۇر.
ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بولسا بىردىن بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن روشەن بىر دىندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغان ئىبادەتلىرىدىمۇ ئىختىلاپ يوقتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدۇ، پۇل-ماللىرى ئۆلچەمگە يەتكەندە ئۇنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىدۇ، رامىزان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇن دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىم بولسا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاشلا بىر كىتاپتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم.كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ)، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر». [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز. كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر». [سۈرە ئال ئىمران 84-85-ئايەتلەر].
ئىسلام دىنى بولسا ھاياتلىقنىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان پىرىنسىپدۇر. ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە تەبىئىتىگە مۇۋاپىق بولۇپ ئىنسانىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئۇيغۇندۇر. ئىسلامنى كائىناتنى ياراتقۇچى قۇدرەتلىك ئاللاھ يولغا قويغان بولۇپ، بۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت ۋە ياخشىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئىسلام دىنىدا ئىرقى ئايرىمىچىلىق ياكى رەڭ ئايرىمچىلىقى يوقتۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەڭ-باراۋەر، بىر كىشى يەنە بىر كىشىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە قىلغان ياخشى ئەممەللىرىنىڭ مىقدارىدا پەرقلىق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز». [سۈرە نەھل 97-ئايەت].
ئىسلام بەخت-سائادەت يولىدۇر.
ئىسلام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بولۇپ، ئۇ پەقەت ئەرەبلەرنىڭ دىنى بولماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن يولغا قويغان دىنىدۇر.
ئىسلام دىنى دۇنيادا ھەقىقى بەخت-سائادەتكە يېتىشنىڭ، ئاخىرەتتە دائىمىي نېمەتكە ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر.
ئىسلام بولسا ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق، مۇشكىللىرىنى ھەل قىلىدىغان، بەدەن بىلەن روھنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەڭ ئورۇندايدىغان بىردىن بىر دىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئېيتتى: سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ. كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز». [سۈرە تاھا 123-124-ئايەتلەر].
ئىسلام دىنىغا كېرسەم نېمە پايدىغا ئېرىشىمەن؟.
ئىسلام دىنىغا كېرىشنىڭ ناھايتى كۆپ پايدىلىرى بار، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:
ئىنساننىڭ دۇنيادا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قۇلچىلىق قىلىشى مۇۋەپپىقىيەت ۋە شەرەپتۇر، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا نەپسى-خاھىشى، شەيتان ۋە شەھەۋەتنىڭ قۇلى بولىدۇ.
ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىش بولسا؛ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە دائىملىق نېمەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ ۋە دوزاخ ئازابىدىن نىجاتلىق تاپىدۇ.
مۆمىنلەر قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرلەر ، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە سالىھلار بىلەن بىرگە بولىدۇ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇش نېمە دېگەن گۈزەل ھە!. ئىمان ئېيتمىغان كىشىلەر تاغۇتلار، ناچار كىشىلەر، جىنايەتچى ۋە بۇزغۇنچىلار بىلەن بىرگە بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرگۈزگەن كىشىلەر؛ ئۇ يەردە ئۆلمەستىن، كېسەل بولماستىن، دەرت-ئەلەم چەكمەستىن، ياشىنىپ قالماستىن، غەم-قايغۇ تارتماستىن ئەبەدىيلىك نېمەتتە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ئىنتىلىشلىرى، رىغبەتلىرى ئورۇندىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا دوزاخقا كىرگۈزىدىغان كىشىلەر بولسا، ئۈزۈلمەيدىغان، دائىملىق ئەبەدى ئازاپتا بولىدۇ.
جەننەتتە ئىنساننىڭ كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان، ھەتتا ئىنساننىڭ كۆڭلىدىن كېچىپمۇ باقمىغان ئاجايىپ نېمەتلەر مەۋجۇتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز». [سۈرە نەھىل 97-ئايەت]. يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ». [سۈرە سەجدە 17-ئايەت].
ئەگەر ئىسلام دىنىغا كىرىشنى رەت قىلسام قانداق زىيان تارتىمەن؟.
ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان ئاللاھنى تونۇش ۋە ئاللاھنى بىلىشتىن ئىبارەت ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى زىيان تارتىدۇ. ئىنسانغا دۇنيادا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك، ئاخىرەتتە دائىمىي نېمەتنى ئاتا قىلغان ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىشنى زىيان تارتىدۇ.
ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا نازىل قىلغان كاتتا كىتابىغا قاراشنى ۋە مۇشۇ كاتتا كىتاپقا ئىمان ئېيتىشنى زىيان تارتىدۇ.
كاتتا پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشنى زىيان تارتىدۇ، قىيامەت كۈنىدە جەننەتتە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشنى زىيان تارتىدۇ. شۇنداقلا جەھەننەمنىڭ ئوتىدا شەيتانلار، جىنايەتچىلەر، ھەددىدىن ئاشقۇچى تاغۇتلار بىلەن بىرگە بولىدۇ. جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جاي، ئۇلارغا خوشنا بولغانلار نېمە دېگەن يامان خوشنا!.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر. ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇ-قات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ. ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار» [سۈرە زۇمەر 15-16-ئايەتلەر].
كىمىكى ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنى خالىسا ئىسلام دىنىغا كېرىشى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشى كېرەك.
بارلىق ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر بىرلىككە كەلگەن ھەقىقەت: ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان ، ئىبادەتتە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغان، بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرگە ئىشەنگەن مۇسۇلمانلاردىن باشقىلار ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. ھەر بىر پەيغەمبەر، ئەلچىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، ئۇلارغا ئىشەنگەن ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، دوزاختىن قۇتىلىدۇ.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەر مۇسۇلمان، مۆمىن ۋە سالىھ كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگىشىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلار ئۇلار مۇسۇلمان ۋە سالىھ كىشىلەردۇر، كىمكى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشنى رەت قىلىپ مەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا قالىمەن دېسە، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۆمىن ھېسابلانمايدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، شۇ دەۋرىدە بولغان بارلىق كىشىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشى ۋاجىپ بولىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن ئاللاھ بىردۇر. كىمكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن ھالىتىمدە قالىمەن دېسە، بۇ ئادەم مۆمىن ھېسابلانمايدۇ.
بىر ئادەمنىڭ مەن مۇسۇلمانلارنى ئېھتىرام قىلىمەن دېگەن سۆزى، باشقىلارغا خەيرى-ساخاۋەت قىلىشى، پەقىر-مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىشى قاتارلىق ئىشلار ئاخىرەتتە ئۇ كىشىنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ بارلىق كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېشىنىشى ۋاجىپتۇر. بۇ يەردە شېرىكتىن، ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولۇشتىن، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ۋەھيىنى رەت قىلىشتىن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشتىنمۇ چوڭ گۇناھ بولمايدۇ.
يەھۇدىي، خىرىستىئانلار ۋە ئۇلاردىن باشقا ئىنسانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى ۋە ئىمان ئېيتىپ ئىسلام دىنىغا كېرىشنى رەت قىلسا، ئاخىرەتتە جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ ئىنسانلاردىن بىرەرسىنىڭ ھۆكمى بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر» [سۈرە بەييىنە 6-ئايەت].
ئاللاھ تائالادىن ئىنسانىيەتكە ئاخىرقى رىسالە چۈشتى، ئىسلام دىنىنى ئاڭلىغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكى يەتكۈزۈلگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشى ۋە ئىشىنىشى، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىشى، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بۇيسۇنىشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى بۇ ئاخىرقى رىسالە ھەققىدە ئاڭلاپ تۇرۇپ قوبۇل قىلماستىن ئۇنى رەت قىلغان كىشىدىن ئاللاھ تائالا ھېچ بىر ئەمەلنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇنى ئاخىرەتتە ئازابلايدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر» [سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى تەۋھىدئەقىدىسىگە) كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» [سۈرە ئال ئىمران 64-ئايەت].
مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟.
ئىسلامغا كېرىش ئۈچۈن بۇ ئالتە ئاساسقا ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ:
ئاللاھ تائالاغا؛ ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھ ھەممىنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، ئىشلارنى تەدبىر قىلغۇچى، ھەممىنىڭ ئىگىسى ۋە پادىشاھى، ئۇنىڭ ھېچ قانداق ئوخشىشى يوق، ئۇنىڭ ئايالى يوق، بالىسىمۇ يوق دەپ ئىشىنىش، ھەقىقەتەن يېگانە ئاللاھ ئىبادەتكە ھەقلىقتۇر، ئىبادەتتە ئۇنىڭغا شېرىك قىلىنمايدۇ. ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىنغان ھەرقانداق ئىبادەت باتىل دەپ ئېتىقاد قىلىنىدۇ.
پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش بولسا، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ نۇردىن ياراتقان بەندىلىرى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھيى نازىل قىلىشنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جۇملىسىدىن قىلدى.
ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان ساماۋىي كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش، (ئۆزگەرتىش كىرگۈزىلمىگەن تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق كىتاپلارغا ئىشىنىش)، ئۇ كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىشتۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنسانلىقىغا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ۋھيى ئارقىلىق كۈچلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تۈرلۈك مۆجىزىلەرنى بەرگەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش.
ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرى ۋە كىيىنكى بارلىق ئىنسانلارنى تىرگۈزىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى، مۆمىنلەرنىڭ جەننەتكە ۋە كاپىرلارنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش.
تەقدىرگە ئىشىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقى، ئۆتكەن زاماندىكى ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلدى، ئۇنىڭ ھەممىسىنى يازدى، ئۇنى ئىرادە قىلدى ۋە ھەممە نەرسىنى ياراتتى.
قارارىڭىزنى كېچىكتۈرمەڭ!
دۇنيا مەڭگۈلۈك جاي ئەمەس.
بارلىق گۈزەللىك ئۇنىڭدىن يوقىلىدۇ، بارلىق جەزىپكارلىقى ئۆچۈرىلىدۇ.
ئىنسانغا ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدىغان بىر كۈن كېلىدۇ، ئۇ بولسا قىيامەت كۈنىدۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ» [سۈرە كەھەپ 49-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان بولمىغان ئىنساننىڭ بارىدىغان جايىنىڭ ئەبەدى قالىدىغان مەڭگۈلۈك جەھەننەم ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.
زىيان ئاز ۋە ئاسان ئەمەس، بەلكى ئۇ كاتتىدۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر». [سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت].
ئىسلام دىنى بولسا دىنلار ئارىسىدا ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلىدىغان بىردىن بىر دىندۇر.
بىزنى ئاللاھ تائالا ياراتتى، بىز يەنە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىمىز، بۇ دۇنيا بولسا بىز ئۈچۈن ئىمتىھان دۇنياسىدۇر.
ئىنسان شۇنداق ئىشەنچىدە بولىشى كېرەككى!، ھەقىقەتەن بۇ دۇنيا چۈشكە ئوخشاش بەك قىسقا بولۇپ، ھېچ كىشى ئۆزىنىڭ قاچان ۋاپات بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئىنساندىن : نېمە ئۈچۈن ھەقىقەتكە ئەگەشمىدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن ئاخىرقى پەيغەمبەرگە ئەگەشمىدىڭ؟ دەپ سورىسا ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسىغا بېرىدىغان جاۋابى قانداق بولار؟.
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان بولۇشقا بۇيرۇپ كاپىرغا ئەگىشىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە كاپىرنىڭ بارىدىغان جايىنىڭ دوزاختىكى ئەبەدىيلىك ھالاكەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن تۇرسا، قىيامەت كۈنىدە رەببىڭگە قانداق جاۋاپ بېرىدۇ؟.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ». [سۈرە بەقەرە 39-ئايەت].
ھەقىقەتنى تەرك قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىغا ئەگەشكەن كىشى ئۈچۈن ئۈزۈر قوبۇل قىلىنمايدۇ.
ئاللاھ تائالا بىزگە ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئەنسىرەپ ئىسلامغا كېرىشتىن قورقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان ياكى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت، ئادەت ۋە جەمئىيەتتىن ئېرىشكەن خاتا ئېتىقادلىرىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى تەرەپبازلىق ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس قالغان باتىل قارىشى ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا كېرىشتىن چەكلەپ قويىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۈزۈر قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قىلمىشىغا دەلىل-ئىسپات بولمىغان ھالەتتە تۇرىدۇ.
ئاتېئىست ئۈچۈن مەن ئاتېئىست ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدىم، ئۆزۈمنىڭ ئاتېئىستلىق ھالىتىمدە قالىمەن دېيىشى ئۈزۈر بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەتنى ئىشلىتىشى، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ كاتتىلىقى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىپ ئويلىنىشى ۋە ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقلى بىلەن پىكىر قىلىپ، مۇشۇ كائىنات ئۈچۈن چوقۇم بىر ياراتقۇچىنىڭ بولىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تىپىشى كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭدەك تاشقا، ھەيكەل-بۇتلارغا چوقۇنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋېلىرىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈزۈر بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭمۇ ھەق توغرىسىدا ئىزدىنىشى ۋە مەن قانداق قىلىپ ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ماڭا ھېچ قانداق پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان جانسىز نەرسىگە قانداق ئىبادەت قىلىمەن دەپ ئۆز نەپسىدىن سوراپ بېقىشى لازىم بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ۋە ئەقلىگە زىت بولغان ئىشلارغا ئىشىنىدىغان خىرىستىئانمۇ ئۆزىدىن: رەب نېمە ئۈچۈن باشقا ئىنسانلارنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھېچ قانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان بالىسىنى ئۆلتۈرىدۇ؟، بۇ كاتتا زۇلۇم ئەمەسمۇ؟ ئىنسان قانداقمۇ ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ دارغا ئاسىدۇ؟، رەب ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلماستىن ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرىنى، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟، رەب ئۆزىنىڭ ئوغلىنى مۇداپىئە قىلىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟!. دەپ سوراپ بىقىشى كېرەك.
ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئاتا-بوۋىسىنىڭ باتىل ئېتىقادلىرىغا ئەگەشمەستىن ھەقىقەتكە ئەگىشىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ؟)». [سۈرە مائىدە 104-ئايەت].
يىقىنلىرىنىڭ ئەزىيەت يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەپ، بۇنىڭدىن سالامەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟.
ئەگەر مۇسۇلمان بولسا ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ئەنسىرەيدىغان كىشى، ئەگەر مۇمكىن بولسا، مۇسۇلمان بولۇپ ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىسلامىنى ئاشكارا قىلىدىغان، مۇستەقىل ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ياخشىلىق يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنگە قەدەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى مەخپى تۇتسا بولىدۇ.
ئىنساننىڭ ئىسلامغا كېرىشكە ئالدىرىشى ۋاجىپ بولىدۇ، لېكىن ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىقى ۋە ئۆزىگە زىيان يېتىش ئېھتىماللىقى بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ھەممىگە بىلدۈرۈش ياكى ئەتراپىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ.
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىنسان مۇسۇلمان بولسا ئۇنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت مىليۇنلىغان قىرىنداشلىرى بولىدۇ. ئۇ كىشىگە ئۇلار بىلەن مەسچىتلەردە، ئۆز يۇرتىدىكى ئىسلام مەركەزلىرىدە ئالاقە قىلىش ۋە ئۇچرىشىش ئىمكانىيەتلىرى بولىدۇ، ئۇلاردىن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن تۈرلۈك ياردەم ۋە مەسلىھەت سورايدۇ، ئۇلارمۇ بۇنىڭ بىلەن خۇرسەن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ». [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن!
بىزنى يارىتىپ، بىزگە چەكسىز نېمەتلىرىنى ئاتا قىلغان، بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا تۆرەلمە ھالىتىمىزدە ئىكەنمىز غىزالاندۇرغان، ھازىرنىڭ ئۆزىدە سۈمۈرىۋاتقان ھاۋانى رىزىق قىلىپ بەرگەن رەببىمىز ئاللاھنى رازى قىلىش، ئىنسانلارنى رازى قىلىشتىنمۇ مۇھىمراق ئەمەسمۇ؟.
پانى ھاياتنىڭ خوشاللىقىدىن ئىبارەت ئەرزىمەيدىغان نەرسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە لايىق ئەمەسمۇ؟!، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئەلۋەتتە لايىق.
ئىنسان ھاياتىدا ئۆزىنى توغرا ئىش قىلىش ۋە خاتا يۆلىنىشىنى توغرىلاشتىن چەكلەپ قويىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى لازىم.
ئىنسان بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقى مۆمىنلەردىن بولىشى ئۈچۈن، شەيتاننىڭ ئۆزىنى ھەقىقەتكە ئەگىشىشىدىن چەكلىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (شانلىق مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت) ئوچۇق دەلىل كەلدى، سىلەرگە روشەن نۇرنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ». [سۈرە نىسا 174-175-ئايەتلەر].
سىز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ بۈيۇك قارارنى ئىلىشقا تەييارمۇ؟.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار ئەقىل-مەنتىققا ئۇيغۇن بولسا، ئىنسان قەلبىدە ھەقىقەتنى بىلگەن بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىشى كېرەك.
كىمكى ئۆز ھاياتىدا ئەڭ ياخشى قارار ئېلىش ۋە ئۆزىنىڭ قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولالايدىغانلىقى ئۈچۈن ياردەم سورىسا،
ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئۆزىنى ئىسلامغا كېرىشتىن چەكلەپ قويىدىغان قىلماسلىقى كېرەك، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ ياراتقۇچىسىغا تەۋبە قىلسا، ئىنساننىڭ ھەممە گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، بۇ تەبى بولىدىغان ئىشتۇر. ئىنسان ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپمۇ بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ، چۈنكى بىز گۇناھتىن مە پەرىشتە ئەمەس بەلكى ئىنسانمىز. بىزدىن؛ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ھەقنى قوبۇل قىلىشقا ماڭغانلىقىمىزنى، ئىسلامغا كىرگەنلىكىمىزنى ۋە ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقانلىقىمىزنى كۆرسە، ئاللاھ تائالا بىزگە باشقا گۇناھلىرىمىزنى تەرك قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ ئۆز تەرىپىگە يۈزلەنگەن ۋە ھەقىقەتكە ئەگەشكەن كىشىنى زىيادە ياخشىلىقلارغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئىسلامغا كىرىشگە ھەرگىز ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك.
بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدۇر: تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». [سۈرە ئەنپال 38-ئايەت.]
مۇسۇلمان بولۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟.
مۇسۇلمان بولۇشنىڭ يولى ئاسان، ئۇ بىرەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ياكى رەسمىيەت ئۆتەش ياكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ھازىر بولىشىغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، ئىنسان پەقەت ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى چۈشىنىپ، مەنىسىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ سۆزلىسە بولىدۇ. يەنى بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەيدۇ، ئەگەر بۇ سۆزنى ئەرەپچە دېيىش ئاسان بولسا، ئەرەپچە دېيىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئەرەپچە دېيىش قېيىن بولسا، بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن دېسىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى دېيىش بىلەن مۇسۇلمان بولىدۇ، ئاندىن كېيىن سىزگە دۇنيادا بەخت-سائادىتىڭىزنىڭ مەنبىيى، ئاخىرەتتە نىجاتلىقىڭىز بولغان دىنىڭىزنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگىنىش كېرەك بولىدۇ.
ئىسلام دىنى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى تور بەتكە قاراپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز:
ئىسلامنى قانداق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئۈگىنىش ئۈچۈن سىزنى بۇ تور سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز:
Related books
All books
مېنى كىم ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن؟.75 تىلمېنى كىم ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن؟.
ھەممە نەرسە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئاسمان- زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان چەكسىز مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟. ئاسمان - زېمىندىكى ئىنچىكە ۋە قۇسۇرسىز قۇرۇلمىنى كىم بەرپا قىلدى؟. ئىنساننى كىم ياراتتى؟ ئۇنىڭغا كۆز، قۇلاق، ئەقىلنى كىم بەردى؟ ئۇنى كىم ھەقىقەتلەرنى بىلىدىغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا قادىر بولىدىغان قىلدى؟. جىسمىڭىزدىكى ۋە كائىناتتىكى جانلىقلارنىڭ جىسمىدىكى ئىنچىكە قۇرۇلمىلارنى كىمنىڭ قۇراشتۇرغانلىقى ۋە پەيدا قىلغانلىقىنى قانداق ئىزاھلايسىز؟. مۇشۇ كاتتا كائىنات يىللاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئىنچىكە ئېنىق بېكىتىلگەن سېستىمىسى بويۇنچە قانداق داۋام…
ئىسلام ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ دىنىدۇر.85 تىلئىسلام ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ دىنىدۇر.
ئىسلام دېگەن كائىناتنى ياراتقۇچى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا تەسلىم بولۇش، بويسۇنۇش، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئىسلام ئۇ؛ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھدىن باشقا ھەممە نەرسە يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر، ئاللاھ تائالا يالغۇزلا ئىبادەتكە لايىقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلەر باردۇر، ھېچ كەمچىلىكى يوق مۇتلەق مۇكەممەللىك ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالا بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ، ئۇنىڭ…
ئىسلام دىنى89 تىلئىسلام دىنى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن سىز ئۆزىڭىزدىن سوراپ باقتىڭىزمۇ: ئاسمان - زېمىنلەرنى ۋە ئۇنىڭدىكى كاتتا مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟، ئۇنىڭدىكى ئىنچىكە، پۇختا نىزام-پىرىنسىپلارنى كىم ئورۇنلاشتۇردى؟.
الإسلام دين رب العالمين