ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟
قەتادا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
بىزگە ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: بىر ئادەم مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى يۈزىچە قانداق جۇغلايدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟» دېدى، قەتادە: رەببىمىزنىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەم! ئەلۋەتتە قادىر دېدى.
حَدَّثَنَا أَنَسُ بْنُ مَالِكٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ أَنَّ رَجُلًا قَالَ: يَا نَبِيَّ اللهِ كَيْفَ يُحْشَرُ الْكَافِرُ عَلَى وَجْهِهِ؟ قَالَ: «أَلَيْسَ الَّذِي أَمْشَاهُ عَلَى الرِّجْلَيْنِ فِي الدُّنْيَا قَادِرًا عَلَى أَنْ يُمْشِيَهُ عَلَى وَجْهِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ؟» قَالَ قَتَادَةُ: بَلَى وَعِزَّةِ رَبِّنَا.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قىيامەت كۈنىدە كاپىرلار يۈزىچەككە قانداق جۇغلىنىدۇ؟ دەپ سورالغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر» دېدى.
...:
كاپىرلار قىيامەت كۈنى خارلىنىپ يۈزىچەككە ماڭدۇرۇپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (6)
سەھى بۇخارى (8/ 109) (6523).
سەھى مۇسلىم (4/ 2161) (2806).
الإفصاح عن معاني الصحاح (5/200).
فتح الباري (11/382).
عمدة القاري شرح صحيح البخاري (23/ 105).
البحر المحيط الثجاج في شرح صحيح الإمام مسلم بن الحجاج (43/ 454).