«بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ
ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇنداق بىر كىشى ئېدىمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىسنى ئاڭلىسام ئاللاھ تائالا ماڭا ئۇ ھەدىستىن مەنپەئەت بېرىشنى خالىغان نەرسە بىلەن مەنپەئەت بېرەتتى، ساھابىلاردىن بىر كىشى ھەدىس سۆزلەپ بەرسە، مەن ئۇ كىشىدىن قەسەم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتىم، ماڭا قەسەم قىلىپ بەرسە ئۇ كىشىنىڭ ھەدىسىنى تەستىقلايتتىم. ھەقىقەتەن ماڭا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راست سۆزلەيدىغان كىشى، ئۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ:
«بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
«مَا مِنْ رَجُلٍ يُذْنِبُ ذَنْبًا، ثُمَّ يَقُومُ فَيَتَطَهَّرُ، ثُمَّ يُصَلِّي، ثُمَّ يَسْتَغْفِرُ اللهَ، إِلَّا غَفَرَ اللهُ لَهُ»، ثُمَّ قَرَأَ هَذِهِ الْآيَةَ: {وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ} [آل عمران: 135].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى: ھەر قانداق بىر ئىنسان گۇناھ قىلسا، تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ قىلغان مۇشۇ خاتالىقىغا تەۋبە قىلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستىغپار ئېيتىپ ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇكىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى تىلاۋەت قىلدى: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ». [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
استحلفته: جعلته يقسم بأنه سمعه من النبي عليه الصلاة والسلام.
بۇ ھەدىستە نامازنى ئادا قىلىشقا ئۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلغاندىن كېيىن ئىستىغپار ئېيتىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بار.
ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنىڭ كەڭرىلىكىدىن تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتقۇچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (2/ 630) (1521).
سۈنەن تىرمىزى (1/ 431) (406).
نىسائىينىڭ سۈنەن ئەل كۇبرا. (10/ 51) (11012).
سۈنەن ئىبنى ماجە. (2/ 403) (1395).
مۇسنەد ئەھمەد (1/ 179) (2).
فتح الباري لابن حجر (11/ 99).
النهاية في غريب الحديث والأثر (ص 674).