Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 13

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى جەننەتكە ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! جەننەتنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتكە كېرىدىكەن دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە بىرىپ قارىسا، جەننەتنىڭ ئەتراپى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر ئىنساننى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن دوزاخقا ۋە دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن دوزاختا تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىگە كېرىشىپ كەتكەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! دوزاخنى ئاڭلىغان ھېچ كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ دېدى، ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى قايتىدىن دوزاخقا قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا، دوزاخنىڭ ئەتراپى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر كىشىنىڭ دوزاختىن قۇتۇلالماي ھەممىسى كېرىپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغان
«قۇرئان كەرىمنى ئاشكارا ئوقۇغۇچى سەدىقىنى ئاشكارا قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ، قۇرئان كەرىمنى ئېچىدە ئوقۇغۇچى سەدىقىنى مەخپى قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغان
بىز يامغۇرلۇق بىر زۇلمەت كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بىزگە ناماز ئوقۇپ بىرەمدىكىن دەپ ئىزدەپ چىقتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تاپتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سۆزلە» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن يەنە:«سۆزلە» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن يەنە:«سۆزلە» دېدى، مەن: نېمە دەيمەن؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى.
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغان
«زىكىرنىڭ ئەۋزىلى: لائىلاھە ئىللەللاھۇ، دۇئانىڭ ئەۋزىلى: ئەلھەمدۇ لىللاھ».
ھەسەن. تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز كۆڭلىدە بىر نەرسىلەرنى تاپىدۇ، ئۇنى سۆزلىگىنىدىن ئۇ كىشىنىڭ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكىنى ياخشى بولىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن» دېدى.
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد ۋە نىسائى سۈنەن كۇبرادا رىۋايەت قىلغان
«ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار»
ھەممە يوللىرى بىلەن سەھى. ئەبۇ داۋۇد، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئ‍ەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿‏وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾‏ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن. رواه ابن ماجه والنسائي في الكبرى وأحمد