Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 33

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«توغرا بولمىغان رۇقىيە ئوقۇش، كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇمار ئېسىش ۋە ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن تۇمار پۈتۈش شېرىك ھېسابلىنىدۇ».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قوغدايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاختىن ساقلايدۇ».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«مۇئ‍مىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ».
باشقا ھەدىسلەر بىلەن سەھى ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
بەنى ئامىرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، بىز: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىگىمىز،، خوجىمىز ئاللاھ» دېدى، بىز: سىلە بىزنىڭ پەزىلەتتە ئەڭ ئەۋزىلىرىمىز، بىزنىڭ كاتتىمىز، چوڭىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئادەتلەنگەن سۆزۇڭلارنى دەڭلار، ئارتۇق تەكەللۇپ قىلماڭلار، شەيتان سىلەرنى چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەتلەندۈرمىسۇن» دېدى.
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى قەرزدارغا مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىدۇ».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەئ‍بەد قىلمىسلا، پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتخانىغا ئايلاندۇرىۋالغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى».
تېكىست توغرا ئەھمەد رىۋايىتى
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۇنەين ئۇرىشىغا چىققاندا، مۇشرىكلارنىڭ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان«زاتى ئەنۋات» دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرەخىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، بەزى ساھابىلار: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزگىمۇ مۇشرىكلارنىڭ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان دەرىخىگە ئوخشاش بىر دەرەخ قىلىپ بەرگەن بولسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ پاكتۇر!، بۇ خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى دېىڭىزدىن ئۆتكەندە مۇشرىكلارنىڭ بۇتقا چوقۇنغانلىقىنى كۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەلۋەتتە سىلەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىغا ئەگىشىسىلەر»
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار»
ھەممە يوللىرى بىلەن سەھى. ئەبۇ داۋۇد، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان