Skip to content

بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:

بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى.

أَنَّ رَجُلًا أَتَى النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَكَلَّمَهُ فِي بَعْضِ الْأَمْرِ، فَقَالَ: مَا شَاءَ اللهُ وَشِئْتَ، فَقَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «أَجَعَلْتَنِي لِلَّهِ عَدْلًا؟ قُلْ: مَا شَاءَ اللهُ وَحْدَهُ».

رواه ابن ماجه والنسائي في الكبرى وأحمد
حديث إسناده حسن
شەرھىسى

بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى". پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ بۇ سۆزىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا: مەخلۇقنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشىغا جۈملە "ۋ" ھەرىپى بىلەن ئۇلانسا كېچىك شېرىك بولىدىغانلىقىنى، مۇسۇلماننىڭ بۇنداق سۆزنى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئاندىن ئۇ كىشىنى يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگەن ھەق سۆزگە باشلاپ قويدى، ئاللاھ خالاشتا يەككە-يىگانە بولۇپ، (جۈملىدە ئالدىنقى جۈملىگە نىسبەت بېرىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئۇلاشنىڭ قايسى تۈرلىرىدىن بىر تۈر بىلەن) بىر كىشىنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن بىر ئورۇندا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېگەنگە ئوخشاش بەندىنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشىغا "ۋ" ھەرىپى بىلەن ئۇلاپ سۆز قىلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنداق سۆز قىلىش كېچىك شېرىك بولىدۇ.

مۇنكەر ئىشنى ئىنكار قىلىش ۋاجىپتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەۋھىدنى ھىمايە قىلدى، شېرىكنىڭ يولىنى چەكلىدى.

مۇنكەرنى ئىنكار قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، دەۋەت قىلىنغۇچىنى چېرايلىق شەكىلدە توغرا بىر ئىشقا يۈزلەندۈرۈش ياخشىدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىستىكى: «يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزى بىلەن، يەنە بىر ھەدىستىكى: «ئاللاھ خالىسا ئاندىن سەن خالىساڭ» دېگىن سۆزى، بىر كىشىنىڭ «ئاللاھ خالىسا ئاندىن سەن خالىساڭ» دېگەن سۆزلىرى توغرىدۇر. لېكىن :«يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى دېيىشى ئەۋزەلدۇر.

«ئاللاھ خالىسا ئاندىن سەن خالىساڭ» دېسىمۇ توغرا بولىدۇ، لېكىن «يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا» دېيىش ئەۋزەلدۇر.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (9)

نىسائىينىڭ سۈنەن ئەل كۇبرا. (9/ 362) (10759).

سۈنەن ئىبنى ماجە. (3/ 252) (2117).

مۇسنەد ئەھمەد (5/ 297) (3247).

الجديد في شرح كتاب التوحيد.

لمحمد القرعاوي (ص373).

الملخص في شرح كتاب التوحيد.

لصالح الفوزان (ص335).

القول المفيد على كتاب التوحيد.

لابن عثيمين (2/ 230).