Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 17

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«توغرا بولمىغان رۇقىيە ئوقۇش، كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇمار ئېسىش ۋە ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن تۇمار پۈتۈش شېرىك ھېسابلىنىدۇ».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«زىكىرنىڭ ئەۋزىلى: لائىلاھە ئىللەللاھۇ، دۇئانىڭ ئەۋزىلى: ئەلھەمدۇ لىللاھ».
ھەسەن. تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان
«دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام قىلغان نەرسىلەرمۇ ھۆكۈمدە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاشتۇر».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان
«شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇم پال ئالمايدىغان برسى يوق ئېدى، لېكىن ئاللاھ تائالا شۇم پال ئېلىشنى تەۋەككۇل بىلەن كەتكۈزىۋەتتى».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئ‍ەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿‏وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾‏ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن. رواه ابن ماجه والنسائي في الكبرى وأحمد
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتانغا تاش ئاتىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە تۆگىسىدە ئولتۇرۇپ:«ماڭا تاش تېرىپ بەرگىن» دېدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا پىندىقتەك چوڭلۇقتا يەتتە تاش تېرىپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاشلارنى ئالقىنىدا قويۇپ:«مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلارنى ئېتىڭلار» دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى:«ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى».
تېكىست توغرا ئىبنى ماجە، نىسائى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان