شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن» دېدى.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز كۆڭلىدە بىر نەرسىلەرنى تاپىدۇ، ئۇنى سۆزلىگىنىدىن ئۇ كىشىنىڭ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكىنى ياخشى بولىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن» دېدى.
جاءَ رجُلُ إلى النبي صلى الله عليه وسلم فقال: يا رسولَ اللهِ، إن أحدنا يجدُ في نفسِهِ -يُعرِّضُ بالشَّيءِ- لأَن يكونَ حُمَمَةً أحَبُّ إليه من أن يتكلَّم بِهِ، فقال: «اللهُ أكبرُ، اللهُ أكبرُ، الحمدُ لله الذي ردَّ كيدَه إلى الوسوسَةِ».
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز كۆڭلىدە بىر نەرسىلەرنى تاپىدۇ، ئۇنى ئېغىزدىن چېقىرىش قىيىن بولۇپ، ئۇنى سۆزلىگەندىن كۆيۈپ كۈل بولۇپ كىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىم تەكبىر ئېيتىپ شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سەنالار ئېيتتى.
...:
شەيتان دائىم مۇئمىننى ئىماندىن كۇپىرغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ.
شەيتاننىڭ ئىمان ئەھلىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىز كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنى ۋەسۋەسە قىلىشتىن باشقا ئىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مۇئمىندىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن يۈز ئۆرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ياخشى كۆرىدىغان ياكى ھەيران قالىدىغان، ئەجەپلىنىدىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە تەكبىر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
مۇسۇلمان كىشى چۈشىنەلمىگەن ھەر قانداق ئىش بولسا بىلىدىغانلاردىن سوراش كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (5)
سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (7/ 435) (5112) السنن الكبرى للنسائي (9/ 249) (10435).
شرح سنن أبي داود للعباد (580/ 28).
سەھى مۇسلىم (1/ 119) (132).
شرح سنن أبي داود لابن رسلان (19/370).
ومرقاة الصعود (3/1301).