Skip to content

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلايتتى، چېچىنىڭ ئاستىغا سۇ تىگىپ تېرە سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان بەدىنىنى يۇيىتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.

كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِذَا اغْتَسَلَ مِنَ الجَنَابَةِ، غَسَلَ يَدَيْهِ، وَتَوَضَّأَ وُضُوءَهُ لِلصَّلاَةِ، ثُمَّ اغْتَسَلَ، ثُمَّ يُخَلِّلُ بِيَدِهِ شَعَرَهُ، حَتَّى إِذَا ظَنَّ أَنَّهُ قَدْ أَرْوَى بَشَرَتَهُ، أَفَاضَ عَلَيْهِ المَاءَ ثَلاَثَ مَرَّاتٍ، ثُمَّ غَسَلَ سَائِرَ جَسَدِهِ، وَقَالَتْ: كُنْتُ أَغْتَسِلُ أَنَا وَرَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ إِنَاءٍ وَاحِدٍ، نَغْرِفُ مِنْهُ جَمِيعًا.

بۇخارى رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئىككى قولىنى يۇياتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە سۇ قۇياتتى، ئاندىن كېيىن چېچىنى قولىنىڭ بارمىقى بىلەن ئارىلاپ چاچنىڭ تېگىگە سۇ ئۆتتى، باشنىڭ تېرىسى سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا، بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇپ يۇياتتى، ئاندىن كېيىن بەدىنىنىڭ قالغان جايلىرىنى يۇياتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

ثُمَّ يُخَلِّلُ بِيَدَيْهِ شَعْرَهُ: التخليل هنا إدخال الأصابع المبتلة بين أجزاء الشعر.

أَنَّهُ قَدْ أَرْوَى بَشَرَتَهُ: أوصل الماء إلى أصول الشعر، والبشرة المرادة هنا: ظاهر الجلد المستور بالشعر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

يۇيۇنۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: كۇپايە قىلغۇچى ۋە كامىل، ئەمما كۇپايە قىلغۇچى يۇيۇنۇش بولسا: ئىنسان پاكىز بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىزىنى چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ، ئەمما كامىل يۇيۇنۇش بولسا: مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندەك يۇيىنىدۇ.

جۇنابەت دېگەن سۆز : مەنىي چىققان كىشىگىمۇ ۋە ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان ئەمما مەنىي چىقمىغان كىشىگىمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ.

ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بېرنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى ۋە بىر قاچىغا سۇ قۇيۇپ يۇيىنىشى دۇرۇس بولىدۇ.

مەنبەلەر

273).

تېخىمۇ كۆپ (7)

سەھى بۇخارى (1/ 63) (272.

الإلمام بشرح عمدة الأحكام.

لإسماعيل الأنصاري (1/ 48).

تيسير العلام شرح عمدة الأحكام.

للبسام (ص62).

خلاصة الكلام شرح عمدة الأحكام.

لفيصل آل مبارك (ص33).