«قۇرئان كەرىمنى تەكرار قىلىپ تۇرۇڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسان قەلبىدىن قېچىشى باغلاقتىن قاچقان تۆگىنىڭ قىچىشىدىنمۇ تىزدۇر».
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قۇرئان كەرىمنى تەكرار قىلىپ تۇرۇڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسان قەلبىدىن قېچىشى باغلاقتىن قاچقان تۆگىنىڭ قىچىشىدىنمۇ تىزدۇر».
«تَعَاهَدُوا هَذَا الْقُرْآنَ، فَوَالَّذِي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بِيَدِهِ لَهُوَ أَشَدُّ تَفَلُّتًا مِنَ الْإِبِلِ فِي عُقُلِهَا».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆپ تەكرار قىلىش ۋە دائىم تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئالاھىدە قەسەم قىلىپ تۇرۇپ تەكىتلىدى، ئىنسان قۇرئان كەرىمنى تەكرارلاپ تۇرمىسا باغلاقتىكى تۆگە باغلاقنى يېشىۋەتسە قاچقاندەك، ئۇ ئىنساننىڭ دىلىدىن ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق قاچىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قۇرئاننى تەكرارلاپ تۇرمىسا ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغۇچى ئۇنى دىلىدا چىڭ ساقلاش، ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەكرارلاپ تۇرىشى كېرەك
قۇرئان كەرىمنى تەكرارلاپ تۇرۇشنىڭ پايدىلىرىدىن: ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش، قىيامەتتە دەرىجىسى ئۈستۈن بولۇش قاتارلىقلاردۇر.
تېخىمۇ كۆپ (8)
سەھى مۇسلىم (1/ 545) (791).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
تأليف سليم الهلالي (2/ 231).
رياض الصالحين من كلام سيد المرسلين (ص299) (1002).
شرح رياض الصالحين.
للشيخ محمد بن صالح العثيمين (4/ 657).
كنوز رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (13/ 5).