«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ» تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
«إِنَّ اللهَ لَيُمْلِي لِلظَّالِمِ، حَتَّى إِذَا أَخَذَهُ لَمْ يُفْلِتْهُ» قَالَ: ثُمَّ قَرَأَ: «{وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ}[هود: 102]»
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام گۇناھ-مەسىيەت،شېرىك، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدا زۇلۇم قىلىپ ھەددىدىن ئېشىشتىن ئاگاھلاندۇردى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئازابنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، مال-دۇنياسىنى كۆپ قىلىدۇ، ئۇنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، شۇنداقتىمۇ تەۋبە قىلمىسا، ئۇنى مەھكەم تۇتىدۇكى ھەرگىز قويىۋەتمەيدۇ، زۇلۇمنى كۆپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بوش قويمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ»تەرجىمىسى:«پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
...:
ئەقىللىق كىشى تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا زالىمنى چوقۇم جازالايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا زالىملارغا مۆھلەت بېرىشى، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىماسلىقى، ئۇلارنى تەدرىجى جازالاش ئۈچۈن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەسسىلەپ ئازابلايدۇ.
زۇلۇم ئاللاھ تائالانىڭ ئۈممەتلەرنى جازالاشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
ئاللاھ تائالا بىر يۇرت ئەھلىنى ھالاك قىلسا، ھالاك قىلىنغان يۇرتتا سالىھ كىشىلەرمۇ بولىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزى ۋاپات بولغان ھالەتتىكى ياخشىلىق ئۈستىدە تىرگۈزىلىدۇ، ئۇلارغا ھەممىگە ئومۇم بولغان ئازاب زەرەر يەتكۈزمەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (12)
سەھى بۇخارى (6/ 74) (4686).
سەھى مۇسلىم (4/ 1997) (2583).
شرح رياض الصالحين.
لابن عثيمين (2/ 496).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (1/ 303).
نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.
لمصطفى الخِن وغيره (1/ 231).
تطريز رياض الصالحين.
لفيصل آل مبارك (ص165).
مرقاة المفاتيح.
علي القاري (8/ 3200).