«ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ.
«يَقْبِضُ اللَّهُ الأَرْضَ، وَيَطْوِي السَّمَوَاتِ بِيَمِينِهِ، ثُمَّ يَقُولُ: أَنَا المَلِكُ، أَيْنَ مُلُوكُ الأَرْضِ».
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام؛ ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە زېمىننىڭ ھەممىسىنى چاڭگاللايدىغانلىقى، ئاسماننىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئوراپ ئوڭ قولى بىلەن قاتلاپ يوق قىلىۋېتىدىغانلىقى ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.
...:
بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ئەبەدى باقى قالىدىغان پادىشاھ ئېكەنلىكى، باشقىلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى، كاتتىلىقى، ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىگىدارچىلىقىنىڭ مۇكەممەللىكى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (5)
سەھى بۇخارى (6/ 126) (4812).
سەھى مۇسلىم (4/ 2148) (2787).
فتح الباري (13/367).
عمدة القاري شرح صحيح البخاري (23/ 101).
البحر المحيط الثجاج (43/324).