«مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ»
نۇئمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ»
«مَثَلُ الْمُؤْمِنِينَ فِي تَوَادِّهِمْ وَتَرَاحُمِهِمْ وَتَعَاطُفِهِمْ مَثَلُ الْجَسَدِ، إِذَا اشْتَكَى مِنْهُ عُضْوٌ تَدَاعَى لَهُ سَائِرُ الْجَسَدِ بِالسَّهَرِ وَالْحُمَّى».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مېھرى-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بېرىش، بىر-بىرىدىن يەتكەن زەرەر ۋە ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىشتىن ئىبارەت زۆرۈر ئىشلارنى بىر پۈتۈن بەدەنگە مىسال قىلىپ، خۇددى بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىززىتما بىلەن بىئارام بولىدۇ دەپ بايان قىلىپ بەردى.
...:
مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۇلۇغلاش، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى ۋە كۆيۈنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت، ھەمكارلىق-ياردەملىشىشنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (11)
سەھى بۇخارى (8/ 10) (6011).
سەھى مۇسلىم (4/ 1999) (2586).
نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.
مجموعة من الباحثين (1/ 246).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (1/ 317).
كنوز رياض الصالحين.
مجموعة من الباحثين (4/ 405).
تطريز رياض الصالحين.
لفيصل آل مبارك (ص173).
المعجم الوسيط (1/ 492).