Skip to content

«ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدىغان بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ».

مەتەر بىن ئۇكامىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدىغان بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ».

«إِذَا قَضَى اللَّهُ لِعَبْدٍ أَنْ يَمُوتَ بِأَرْضٍ جَعَلَ لَهُ إِلَيْهَا حَاجَةً».

تىرمىزى رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ بەندە ئۇ زېمىندا بولمىغان ھالەتتىمۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ جايغا بارىدىغان بىر ھاجەتنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرگە كېلىدۇ، ئاندىن شۇ جايدا ئۇ كىشىنىڭ روھى قەبزە قېلىنىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ: « ئىنسان ئۆزىنىڭ قايسى زېمىندا ۋاپات بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ»دېگەن سۆزىنى تەستىقلايدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (2)

سۈنەن تىرمىزى (4/ 23) (2146).

تحفة الأحوذي (6/ 299).