پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەن. كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشتىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئېغىز ۋە ئەۋرەت دېگەن» دېگەن.
سُئِلَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنْ أَكْثَرِ مَا يُدْخِلُ النَّاسَ الْجَنَّةَ، فَقَالَ: «تَقْوَى اللهِ وَحُسْنُ الْخُلُقِ»، وَسُئِلَ عَنْ أَكْثَرِ مَا يُدْخِلُ النَّاسَ النَّارَ فَقَالَ: «الْفَمُ وَالْفَرْجُ».
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەڭ كاتتا سەۋەپلەردىن تۆۋەندىكى ئىككىنى بايان قىلىپ بەردى: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش دېگەن: ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىغا ساقلىنىدىغان بىرنەرسە قىلىشتۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن بولىدۇ. گۈزەل ئەخلاق دېگەن: ئوچۇق چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشتۇر. دوزاخقا كىرگۈزىدىغان كاتتا سەۋەپلەردىن ئىككى سەۋەپ بولۇپ، ئۇ ئىككىسى: تىل ۋە ئەۋرەت. تىلنىڭ ئاسىيلىقى بولسا: يالغان سۆز قىلىش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ئەۋرەتنىڭ ئاسىيلىقى: زىنا، بەچچىۋازلىق ۋە باشقىلار.
ئىنساننىڭ جەننەتكە كېرىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئالاقىدار بولغان سەۋەبلىرىدىن: تەقۋادارلىق. كىشىلەرگە ئالاقىدار بولغان سەۋەپلەردىن: گۈزەل ئەخلاق.
تىلنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، ئۇ ساھىبىنىڭ دوزاخقا كېرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
شەھۋەت ۋە پاھىشەنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، بۇ دوزاخقا كېرىشنىڭ ئەڭ كۆپ سەۋەپلىرىدىندۇر.
تېخىمۇ كۆپ (11)
سۈنەن تىرمىزى (3/ 536) (2004).
سۈنەن ئىبنى ماجە. (5/ 318) (4246).
مۇسنەد ئەھمەد (13/ 287) (7907).
توضيح الأحكام من بلوغ المرام.
للبسام (7/ 509).
منحة العلام في شرح بلوغ المرام.
لعبد الله الفوزان (10/ 369).
فتح ذي الجلال والإكرام.
لابن عثيمين (6/ 453).
سبل السلام بشرح بلوغ المرام.
للصنعاني (2/ 696).