ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىقىڭ بويۇنچە مۇسۇلمان بولغان بولساڭ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ» دېدى.
ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىبادەت دەپ قىلىدىغان سەدىقە، قۇل ئازاد قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش قاتارلىق ئىشلىرىمغا ئەجىر بولامدۇ؟ ماڭا بۇ توغرىدا خەۋەر بەرسىلە دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىقىڭ بويۇنچە مۇسۇلمان بولغان بولساڭ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ» دېدى.
قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللَّهِ، أَرَأَيْتَ أَشْيَاءَ كُنْتُ أَتَحَنَّثُ بِهَا فِي الجَاهِلِيَّةِ مِنْ صَدَقَةٍ أَوْ عَتَاقَةٍ، وَصِلَةِ رَحِمٍ، فَهَلْ فِيهَا مِنْ أَجْرٍ؟ فَقَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «أَسْلَمْتَ عَلَى مَا سَلَفَ مِنْ خَيْرٍ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاپىر مۇسۇلمان بولسا ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان سەدىقە، قۇل ئازاد قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش قاتارلىق ئىشلىرىغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
أتحنث: أتعبد.
ئىنسان كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ئاخىرەتتە ئۇ كاپىرنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلمەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى بۇخارى (2/ 114) (1436).
سەھى مۇسلىم (1/ 113) (123).
المفهم (1/332).
شرح النووي على مسلم (2/140).
عمدة القاري شرح صحيح البخاري (22/ 96).
فتح الباري لابن حجر (3/ 302).
البحر المحيط الثجاج (3/499).