Skip to content

«تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقانغا ئوخشاشتۇر».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقانغا ئوخشاشتۇر».

«السَّاعِي عَلَى الأَرْمَلَةِ وَالمِسْكِينِ، كَالْمُجَاهِدِ فِي سَبِيلِ اللَّهِ، أَوِ القَائِمِ اللَّيْلَ الصَّائِمِ النَّهَارَ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشلىرىنى قىلالمايدىغان تۇل، ئىگە چاقىسىز ئاياللار ۋە ئېھتىياجلىق پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلغان، ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋاپ تەلەپ قىلىپ ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققۇچى ياكى كېچىسى چارچىماستىن تەھەججۈت ئۈچۈن قىيامدا تۇرغان، كۈندۈزى داۋاملىق نەپلە روزا تۇتقان كىشىگە ئوخشاش پەزىلەتكە نائىل بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

بۇ ھەدىس: ئاجىز، بىچارىلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا ئىگە بولۇش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئىبادەت بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشمۇ ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئىبنى ھەبىيرە مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت؛ ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا روزا تۇتقۇچى، كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى جۇغلايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى تۇل ئايالغا نىسبەتەن يولدىشىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ خىزمىتىنى قىلدى.....، ئۆز ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن مىسكىننىڭ خىزمىتىنى قىلدى، ئۆزىنىڭ ئارتۇق ماللىرىنى نەپىقە قىلدى، تېرىشىپ تاپقان مېلىنى سەدىقە قىلدى، بۇنىڭ پەزىلىتى روزا تۇتقاننىڭ، قىيامدا تۇرغاننىڭ ۋە جىھاد قىلغاننىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (11)

سەھى بۇخارى (7/ 62) (5353).

سەھى مۇسلىم (4/ 2286) (2982).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم بن عيد الهلالي (1/ 351).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل بن عبد العزيز المبارك (ص198).

رياض الصالحين (ص107) (265).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (3/ 99).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (275).