Skip to content

«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ».

«إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ أَنْ تُؤْتَى رُخَصُهُ، كَمَا يُحِبُّ أَنْ تُؤْتَى عَزَائِمُهُ».

ئىبنى ھىببان رىۋايىتى.
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىبادەت ۋە ئەھكاملاردىن سەپەردە ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش، تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكئ‍ەتتىن ئوقۇش قاتارلىق ئۈزۈرلۈك كىشىلەرگە يەڭگىللىتىلگەن ھۆكۈمنى ئادا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەرز، ۋاجىپقا ئوخشاش كەسكىن ئىشلارنى ئادا قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ۋە رۇخسەت قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بىردۇر.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدىن: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان رۇخسەت ئىشلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەلىكىدىن: شەرىئەت مۇسۇلمانلاردىن قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرىۋېتىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (3)

سەھى ئىبنى ھىببان. (2/ 69) (354).

فيض القدير (2/292).

نيل الأوطار (3/244).