Skip to content

«ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى قىيامەت بولغاندا زېمىندا ھايات بولغان ۋە مازارلىقلارنى نامازئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغان كىشىلەردۇر».

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

«ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى قىيامەت بولغاندا زېمىندا ھايات بولغان ۋە مازارلىقلارنى نامازئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغان كىشىلەردۇر».

«إِنَّ مِنْ شِرَارِ النَّاسِ مَنْ تُدْرِكُهُ السَّاعَةُ وَهُمْ أَحْيَاءٌ، وَمَنْ يَتَّخِذُ الْقُبُورَ مَسَاجِدَ».

ئەھمەد رىۋايىتى
حديث حسن
شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھەسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيامەت بولغاندا زېمىندا ھايات بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مازارلىققا ياكى قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە ياكى ئارىسىغا مەسچىت بىنا قىلىش چەكلىنىدۇ، (يەنى ھارامدۇر) چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ۋەسىلىدۇر.

گەرچە مەسچىت بىنا قىلىنمىغاندىمۇ قەبرىنىڭ يىنىدا ناماز ئادا قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى مەسچىت گەرچە بىنا قىلىنمىسىمۇ ناماز ئادا قىلىدىغان ۋە سەجدە قىلىدىغان جايغا ئىسىم بولىدۇ.

ياخشى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىۋالغان كىشىلەر گەرچە بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (7)

مۇسنەد ئەھمەد (6/ 394) (3844).

الجديد في شرح كتاب التوحيد.

لمحمد القرعاوي (ص191).

الملخص في شرح كتاب التوحيد.

لصالح الفوزان (ص176).

أحكام الجنائز.

للألباني (1/ 217).