Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 9

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى»، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنىڭ بىر تال ھۆل شېخىنى ئىلىپ ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ھەر بىر قەبىرگە بىر تالدىن سانچىپ قويدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىلا؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇ ئىككى شاخ قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتتە ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللەمدىكىن دېگەن ئۈمىتتە شۇنداق قىلدىم» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
« بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام قىلغان نەرسىلەرمۇ ھۆكۈمدە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاشتۇر».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان
«ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى بىر ئەرنىڭ ئىدارە قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«كۈن مەغرىبتىن چىقمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، كۈن مەغرىپتىن چىققاندا، بۇنى كۆرۈپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيىتىدۇ، ئاشۇ﴿لاَ يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ، أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا﴾‏ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ» [سۈرە ئەنئام 158-ئايەت]. ئەلۋەتتە ئىككى كىشى سودا -سېتىق قىلىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يايىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتمەي تۇرۇپ ۋە رەختلىرىنى قاتلىماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىر كىشى سۈتلۈك تۆگۈسىنى سېغىپ ئېچمەكچى بولىدۇ، سۈتىنى سېغىپ ئېچەلمەي قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۇ ئېچىدىغان كۆلنى قىرلاپ سۈيىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىمەكنى ئېغىزىغا كۆتۈرۈپ يۇتماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە، ھەتتا كەينىگە يەھۇدىي يوشۇرۇنىۋالغان تاش: ئى مۇسۇلمان! مېنىڭ ئارقامغا يەھۇدىي يوشۇرنىۋالدى، ئ‍ۇنى ئۆلتۈرگىن دىمىگۇچە قىيامەت بولمايدۇ،»
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
« زامانلار يېقىن بولمىغۈچە، بىر يىل بىر ئايغا ئوخشاش، بىر ئاي بىر ھەپتىگە ئوخشاش، بىر ھەپتە بىر كۈنگە ئوخشاش، بىر كۈن بىر سائەتكە ئوخشاش، بىر سائەت خورمىنىڭ ياپرىقى كۆيگەن مۇددەتكە ئوخشاش قىسقا بولمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ».
تېكىست توغرا ئەھمەد رىۋايىتى