«كىيىم تولا كېيىش بىلەن كونىرىغاندەك سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىرايدۇ، ئاللاھ تائالادىن دىلىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار»
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىيىم تولا كېيىش بىلەن كونىرىغاندەك سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىرايدۇ، ئاللاھ تائالادىن دىلىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار»
«إِنَّ الْإِيمَانَ لَيَخْلَقُ فِي جَوْفِ أَحَدِكُمْ كَمَا يَخْلَقُ الثَّوْبُ الْخَلِقُ، فَاسْأَلُوا اللَّهَ أَنْ يُجَدِّدَ الْإِيمَانَ فِي قُلُوبِكُمْ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېڭى كىيىمنى ئۇزۇن ۋاقىت كەيسە كونىرغانغا ئوخشاش مۇسۇلماننىڭ قەلبىدىكى ئىماننىڭمۇ كونىراپ، ئاجىزلىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بۇ ئىبادەتتىكى سۇسلۇق، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش ۋە نەپسى-شەھۋەتكە چۆمۈپ كىتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، كۆپ زىكىر ئېيتىش ۋە ئىستىغپار ئېتيىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئىمانىمىزنى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراشقا تەۋسىيە قىلدى.
...:
ئاللاھ تائالادىن دىندا مۇستەھكەم قىلىشنى ۋە دىلدىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
ئىمان دېگەن: دىلى بىلەن ئېتىقاد قىلىش، تىلى بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش بولۇپ، تائەت-ئىبادەت بىلەن زىيادە بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كەم بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (7)
المستدرك على الصحيحين للحاكم (1/ 45) (5).
المعجم الكبير للطبراني (13/ 36) (84).
النهاية في غريب الحديث والأثر.
ص(282).
النهاية (1/316).
فيض القدير (2/323).
التنوير شرح الجامع الصغير (3/434).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
2 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (2)
- الخطب المنبريةموسوعة الخطب المنبرية (القسم الأول)«إِنَّ الإِيمَانَ لَيَخْلُقُ فِي جَوْفِ أَحَدِكُمْ كَمَا يَخْلُقُ الثَّوْبُ؛ فَاسْأَلُوا اللَّهَ أَنْ يُجَدِّدَ الإِيمَانَ فِي قُلُوبِكُمْ»
- الخطب المنبريةموسوعة الخطب المنبرية (القسم الأول)«إِنَّ الإِيمَانَ لَيَخْلُقُ فِي جَوْفِ أَحَدِكُمْ كَمَا يَخْلُقُ الثَّوْبُ؛ فَاسْأَلُوا اللهَ أَنْ يُجَدِّدَ الإِيمَانَ فِي قُلُوبِكُمْ»