Skip to content

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەھيى قىلىندى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەھيى قىلىندى، مەككىدە ئون ئۈچ يىل تۇردى، ئاندىن ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇلدى، مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى، مەدىنىدە ئون يىل تۇردى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى.

أُنْزِلَ عَلَى رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَهُوَ ابْنُ أَرْبَعِينَ، فَمَكَثَ بِمَكَّةَ ثَلَاثَ عَشْرَةَ سَنَةً، ثُمَّ أُمِرَ بِالْهِجْرَةِ، فَهَاجَرَ إِلَى الْمَدِينَةِ، فَمَكَثَ بِهَا عَشْرَ سِنِينَ، ثُمَّ تُوُفِّيَ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ.

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەپ خەۋەر بېرىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەندە ۋەھى نازىل قىلىندى، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى، پەيغەمبەرلىك ۋەھىي قىلىنغاندىن كېيىن مەككىدە ئون ئۈچ يىل تۇردى، ئاندىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇلدى، مەدىنىدە ئون يىل تۇردى، ئاندىن ئاتمىش ئۈچ ياشقا كىرگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپتقۇزۇلدى.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سېيرەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (3)

سەھى بۇخارى (5/ 45) (3851).

سەھى مۇسلىم (4/ 1826) (2351).

عمدة القاري شرح صحيح البخاري (16/ 303).