Skip to content

«ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دەڭلار».

ئەبۇ سەئىيد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دەڭلار».

«إِذَا سَمِعْتُمُ النِّدَاءَ، فَقُولُوا مِثْلَ مَا يَقُولُ المُؤَذِّنُ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقىتتا مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىشقا ۋە مۇئەززىننىڭ دىگىنىگە ئوخشاش سۆزنى جۈملىمۇ-جۈملە دېيىشكە رىغبەتلەندۈردى. مۇئەززىن تەكبىر ئېيتقاندا ئۇنىڭدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىمىز، ئىككى شاھادەت كەلمىسىنى كەلتۈرگەندە ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرىمىز. (حي على الصلاة، حي على الفلاح) دېگەن بۇ ئىككى سۆزدە مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دېمەستىن، ئۇنىڭدىن كېيىن: بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىلىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مۇئەززىنلەر كۆپ بولسا يەنى ئەتراپتىكى مەسچىتلەردىن ئارقىمۇ-ئارقا ئەزان ئاڭلانغان بولسا، ھەدىس ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم ئەزان ئوقۇغان مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئەزان ئوقۇغان مۇئەززىنگە ئەگىشىلىدۇ.

ھاجەتخانىدا بولمىغاندا ياكى ھاجىتىنى ئادا قىلىۋاتمىغان ۋاقىتتىن باشقا ھەر قانداق ھالەتتە مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (6)

سەھى بۇخارى (1/ 126) (611).

سەھى مۇسلىم (1/ 288) (383).

تيسير العلام شرح عمدة الأحكام.

للبسام (ص120).

الإلمام بشرح عمدة الأحكام.

لإسماعيل الأنصاري (1/ 98).