Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

الأعرَاف

الأعرَاف is chapter ٧ of the Quran and has ٢٠٦ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

206 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٧
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

الٓمٓصٓ

ئەلىف، لام، مىم، ساد(1).

كِتَٰبٌ أُنزِلَ إِلَيۡكَ فَلَا يَكُن فِي صَدۡرِكَ حَرَجٞ مِّنۡهُ لِتُنذِرَ بِهِۦ وَذِكۡرَىٰ لِلۡمُؤۡمِنِينَ

(ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن(2).

ٱتَّبِعُواْ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكُم مِّن رَّبِّكُمۡ وَلَا تَتَّبِعُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَۗ قَلِيلٗا مَّا تَذَكَّرُونَ

(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر(3).

وَكَم مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَا فَجَآءَهَا بَأۡسُنَا بَيَٰتًا أَوۡ هُمۡ قَآئِلُونَ

بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى(4).

فَمَا كَانَ دَعۡوَىٰهُمۡ إِذۡ جَآءَهُم بَأۡسُنَآ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى(5).