Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

الأنعَام

الأنعَام is chapter ٦ of the Quran and has ١٦٥ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

165 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٦
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَجَعَلَ ٱلظُّلُمَٰتِ وَٱلنُّورَۖ ثُمَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡ يَعۡدِلُونَ

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ(1).

هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن طِينٖ ثُمَّ قَضَىٰٓ أَجَلٗاۖ وَأَجَلٞ مُّسَمًّى عِندَهُۥۖ ثُمَّ أَنتُمۡ تَمۡتَرُونَ

ئاللاھ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر ـ ئى كۇففارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر(2).

وَهُوَ ٱللَّهُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَفِي ٱلۡأَرۡضِ يَعۡلَمُ سِرَّكُمۡ وَجَهۡرَكُمۡ وَيَعۡلَمُ مَا تَكۡسِبُونَ

ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى ـ يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(3).

وَمَا تَأۡتِيهِم مِّنۡ ءَايَةٖ مِّنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِمۡ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ

ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ(4).

فَقَدۡ كَذَّبُواْ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ فَسَوۡفَ يَأۡتِيهِمۡ أَنۢبَٰٓؤُاْ مَا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ(4). ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ھەق كىتاب (يەنى قۇرئان) كېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنىڭغا چىنپۈتمىدى، ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ (5).