Skip to content

« ھەممە نەرسە تەقدىر بىلەن بولىدۇ، ھەتتا ئىشلارغا سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىش ۋە ئىشلارغا ماھىر بولۇپ جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشمۇ تەقدىر بىلەن بولىدۇ».

تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم ئۇلار ھەممە ئىش تەقدىر بىلەن بولىدۇ دەيدۇ، ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

« ھەممە نەرسە تەقدىر بىلەن بولىدۇ، ھەتتا ئىشلارغا سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىش ۋە ئىشلارغا ماھىر بولۇپ جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشمۇ تەقدىر بىلەن بولىدۇ».

«كُلُّ شَيْءٍ بِقَدَرٍ، حَتَّى الْعَجْزِ وَالْكَيْسِ، أَوِ الْكَيْسِ وَالْعَجْزِ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەممە ئىشنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ھەتتا ئاجىزلىق يەنى بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلماسلىق، سەل قاراش، ھورۇنلۇق قىلىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىش قاتارلىقلار. ھەتتا روھلۇق جۇشقۇنلۇق؛ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ بولۇش كېرەك ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاجىزلىق، جۇشقۇنلۇقنى ۋە ھەممە ئىشلارنى بېكىتتى ۋە تەقدىر قىلدى، دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ بۇرۇندىن بىلگەن ۋە خالىغان ئىشلاردۇر.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ساھابىلارنىڭ تەقدىر توغرىسىدىكى ئېتىقادىنى بايان قىلىش.

ھەممە ئىشلار ھەتتا ئاجىزلىق ۋە جۇشقۇنلۇقمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ.

ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىشتا بەك ئېھتىيات قىلىپ ئىشەنچىلىك ھالەتتە بايان قىلىدىغانلى ئىپادىلىنىدۇ.

تەقدىرنىڭ ياخشى ۋە يامان ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىش كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (4)

سەھى مۇسلىم (4/ 2045) (2655).

إكمال المعلم (8/143).

شرح النووي على مسلم (16/205).

الفتح الرباني لترتيب مسند الإمام أحمد بن حنبل الشيباني (1/ 122).