Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

التوبَة

التوبَة is chapter ٩ of the Quran and has ١٢٩ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

129 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٩
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح

بَرَآءَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

(بۇ) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان ئادا ـ جۇدا بولۇش (يەنى مۇئاھىدىنى بىكار قىلىش) ئېلانىدۇر(1).

فَسِيحُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَرۡبَعَةَ أَشۡهُرٖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ غَيۡرُ مُعۡجِزِي ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُخۡزِي ٱلۡكَٰفِرِينَ

(ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە (خالىغىنىڭلارچە) تۆت ئاي يۈرۈڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ كاپىرلارنى خار قىلغۇچىدۇر(2).

وَأَذَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلنَّاسِ يَوۡمَ ٱلۡحَجِّ ٱلۡأَكۡبَرِ أَنَّ ٱللَّهَ بَرِيٓءٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ وَرَسُولُهُۥۚ فَإِن تُبۡتُمۡ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ غَيۡرُ مُعۡجِزِي ٱللَّهِۗ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

(بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا ـ جۇدادۇر. ئەگەر (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە (گۇمراھلىقتا كېتىۋېرىشتىن) ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن(3).

إِلَّا ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ثُمَّ لَمۡ يَنقُصُوكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَمۡ يُظَٰهِرُواْ عَلَيۡكُمۡ أَحَدٗا فَأَتِمُّوٓاْ إِلَيۡهِمۡ عَهۡدَهُمۡ إِلَىٰ مُدَّتِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَّقِينَ

ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزگەن، مۇئاھىدىگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ مۇئاھىدىگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ(4).

فَإِذَا ٱنسَلَخَ ٱلۡأَشۡهُرُ ٱلۡحُرُمُ فَٱقۡتُلُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ حَيۡثُ وَجَدتُّمُوهُمۡ وَخُذُوهُمۡ وَٱحۡصُرُوهُمۡ وَٱقۡعُدُواْ لَهُمۡ كُلَّ مَرۡصَدٖۚ فَإِن تَابُواْ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ فَخَلُّواْ سَبِيلَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

(ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، (كېلىشىمنىڭ بوزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان) مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر(5).