Skip to content
التوبَة /

ئايەت ٩٤

٩ : ٩٤

ئايەت ٩٤ of التوبَة (٩ : ٩٤). This page carries the verse in the Uthmani script with a translation of its meaning, at a stable URL that can be cited on its own.

التوبَة ئايەتلەر ١٢٩
سۈرە · التوبَة
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
٩ : ٩٤

يَعۡتَذِرُونَ إِلَيۡكُمۡ إِذَا رَجَعۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡۚ قُل لَّا تَعۡتَذِرُواْ لَن نُّؤۡمِنَ لَكُمۡ قَدۡ نَبَّأَنَا ٱللَّهُ مِنۡ أَخۡبَارِكُمۡۚ وَسَيَرَى ٱللَّهُ عَمَلَكُمۡ وَرَسُولُهُۥ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن) قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە (غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقلىرى توغرىسىدا) ئۆزرە بايان قىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرنىڭ (سۆزۈڭلارغا) ئىشەنمەيمىز، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى (ۋە دىلىڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) بىزگە خەۋەر قىلدى. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى) ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. (مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر ياكى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرامسىلەر؟)، ئاندىن كېيىن (يەنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن(94).