Skip to content
الأنعَام /

ئايەت ٩٣

٦ : ٩٣

ئايەت ٩٣ of الأنعَام (٦ : ٩٣). This page carries the verse in the Uthmani script with a translation of its meaning, at a stable URL that can be cited on its own.

الأنعَام ئايەتلەر ١٦٥
سۈرە · الأنعَام
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
٦ : ٩٣

وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمۡ يُوحَ إِلَيۡهِ شَيۡءٞ وَمَن قَالَ سَأُنزِلُ مِثۡلَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُۗ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِي غَمَرَٰتِ ٱلۡمَوۡتِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ بَاسِطُوٓاْ أَيۡدِيهِمۡ أَخۡرِجُوٓاْ أَنفُسَكُمُۖ ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ عَذَابَ ٱلۡهُونِ بِمَا كُنتُمۡ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ وَكُنتُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهِۦ تَسۡتَكۡبِرُونَ

ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى دېگەن ياكى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرۈسەن). پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سوزۇپ: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىپتىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ(93).