Skip to content
المَائدة /

ئايەت ٢

٥ : ٢

ئايەت ٢ of المَائدة (٥ : ٢). This page carries the verse in the Uthmani script with a translation of its meaning, at a stable URL that can be cited on its own.

المَائدة ئايەتلەر ١٢٠
سۈرە · المَائدة
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
٥ : ٢

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحِلُّواْ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ وَلَا ٱلشَّهۡرَ ٱلۡحَرَامَ وَلَا ٱلۡهَدۡيَ وَلَا ٱلۡقَلَٰٓئِدَ وَلَآ ءَآمِّينَ ٱلۡبَيۡتَ ٱلۡحَرَامَ يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّهِمۡ وَرِضۡوَٰنٗاۚ وَإِذَا حَلَلۡتُمۡ فَٱصۡطَادُواْۚ وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَـَٔانُ قَوۡمٍ أَن صَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ أَن تَعۡتَدُواْۘ وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) چەكلەنگەن ئايلار (دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيەنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى)، پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار. ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ. بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن. ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق(2).