Skip to content

«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى».

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنىڭ: "ياق، كەبە بىلەن قەسەم!" دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە: «ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىغىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ:

«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى».

«مَنْ حَلَفَ بِغَيْرِ اللهِ فَقَدْ كَفَرَ أَوْ أَشْرَكَ».

ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى، چۈنكى قەسەم دېگەن قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئۇلۇغلۇق يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، قەسەم پەقەت ئاللاھ بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەسەم كېچىك شېرىك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئەگەر قەسەم قىلغۇچى ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئۇلۇغلىۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ چوڭ شېرىكنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

من حلف: الحلف: اليمين، وهي توكيد الحكم بذكر معظّم تطمئن له نفس المخاطب.

كفر أو أشرك: يحتمل أن يكون هذا شكًّا من الراوي، ويحتمل أن تكون "أو" بمعنى الواو فيكون كفر وأشرك.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

قەسەم بىلەن ئۇلۇغلاش ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر، قەسەم پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ.

ساھابىلارنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ، ئىش شېرىككە ياكى كۇپۇرغا ئالاقىدار بولغاندا شۇنداق بولىدۇ.

مەنبەلەر

(9/ 275) (5375).

(10/ 249) (6072).

(1/ 343).

تېخىمۇ كۆپ (14)

سۈنەن تىرمىزى (3/ 194) (1535).

سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (5/ 154- 155) (3251).

مۇسنەد ئەھمەد (9/ 249) (5346).

فتح المجيد شرح كتاب التوحيد.

لعبد الرحمن التميمي (ص413).

القول المفيد على كتاب التوحيد.

لابن عثيمين (2/ 214).

الملخص في شرح كتاب التوحيد.

لصالح الفوزان (ص326).

الجديد في شرح كتاب التوحيد.

لمحمد القرعاوي (ص365).

التمهيد لشرح كتاب التوحيد.

لصالح آل الشيخ (ص452).

فتاوى اللجنة الدائمة.