«مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ».
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ».
«مَثَلُ الْمُنَافِقِ، كَمَثَلِ الشَّاةِ الْعَائِرَةِ بَيْنَ الْغَنَمَيْنِ تَعِيرُ إِلَى هَذِهِ مَرَّةً وَإِلَى هَذِهِ مَرَّةً».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇناپىقنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇنى ئىككى پادا قوينىڭ قايسىسىغا ئەگىشىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان سەرگەردان قويغا ئوخشاتتى. بىر قېتىم بۇ تەرەپتىكى قويلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ يەنە بىر قېتىم ئۇ تەرەپتىكى قويلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ. مۇناپىقلار ئىمان بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغۇچىدۇر، ئۇلار ئىچكى-تاشقى جەھەتتە مۇئمىنلەر بىلەنمۇ ئەمەس ۋە كاپىرلار بىلەنمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە شەك ۋە ئىككىلىنىش بار، بەزى ۋاقىتتا مۇئمىنلەرگە مايىل بولىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا كاپىرلارغا مايىل بولىدۇ.
...:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىتلاردا مىسال بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى.
مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىككىلىنىش، شەكلىنىش، ئىزتىراپلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئىماندا سەمىمى ۋە كەسكىن، زاھىرى ۋە باتىنى ئەمەللەردە راستچىل بولۇش.
تېخىمۇ كۆپ (3)
سەھى مۇسلىم (4/ 2146) (2784).
إكمال المعلم بفوائد مسلم (8/ 313).
عمدة القاري شرح صحيح البخاري (16/ 69).