Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

الذَّاريَات

الذَّاريَات is chapter ٥١ of the Quran and has ٦٠ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

60 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٥١
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

وَٱلذَّٰرِيَٰتِ ذَرۡوٗا

(تۇپراقنى) سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى(1)،

فَٱلۡحَٰمِلَٰتِ وِقۡرٗا

(يامغۇرلارنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى(2)،

فَٱلۡجَٰرِيَٰتِ يُسۡرٗا

(سۇ ئۈستىدە) يىنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن قەسەمكى(3)،

فَٱلۡمُقَسِّمَٰتِ أَمۡرًا

ئىشنى (يەنى بەندىلەر ئارىسىدا رىزىقلارنى، يۇرتلار ئارىسىدا يامغۇرنى) تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(4)،

إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٞ

سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ساۋاب، ئازاب، قىيامەت قاتارلىق) لار ئەلۋەتتە راستتۇر(5).