Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

قٓ

قٓ is chapter ٥٠ of the Quran and has ٤٥ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

45 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٥٠
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

قٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡمَجِيدِ

قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن(1).

بَلۡ عَجِبُوٓاْ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٞ مِّنۡهُمۡ فَقَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا شَيۡءٌ عَجِيبٌ

بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ قىزىق ئىشتۇر(2).

أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗاۖ ذَٰلِكَ رَجۡعُۢ بَعِيدٞ

بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر»(3).

قَدۡ عَلِمۡنَا مَا تَنقُصُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۡهُمۡۖ وَعِندَنَا كِتَٰبٌ حَفِيظُۢ

ئۇلارنى زېمىننىڭ كېمەيتكىنىدىن (يەنى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى يەر يەپ كەتكىنىدىن) بىز ھەقىقەتەن خەۋەردارمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (يەنى لەۋھۇلمەھپۇز) بار(4).

بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ فَهُمۡ فِيٓ أَمۡرٖ مَّرِيجٍ

بەلكى ئۇلار بولسا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، ئۇلار قالايمىقان ھالەتتىدۇر(5).