Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

الأحزَاب

الأحزَاب is chapter ٣٣ of the Quran and has ٧٣ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

73 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٣٣
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ ٱتَّقِ ٱللَّهَ وَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى (داۋاملاشتۇرغىن)، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) ھېكمەت بىلەن باشقۇرغۇچىدۇر(1).

وَٱتَّبِعۡ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا

ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر(2).

وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلٗا

(ھەممە ئىشىڭدا) ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ (ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر(3).

مَّا جَعَلَ ٱللَّهُ لِرَجُلٖ مِّن قَلۡبَيۡنِ فِي جَوۡفِهِۦۚ وَمَا جَعَلَ أَزۡوَٰجَكُمُ ٱلَّٰٓـِٔي تُظَٰهِرُونَ مِنۡهُنَّ أُمَّهَٰتِكُمۡۚ وَمَا جَعَلَ أَدۡعِيَآءَكُمۡ أَبۡنَآءَكُمۡۚ ذَٰلِكُمۡ قَوۡلُكُم بِأَفۡوَٰهِكُمۡۖ وَٱللَّهُ يَقُولُ ٱلۡحَقَّ وَهُوَ يَهۡدِي ٱلسَّبِيلَ

ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار قىلغان ئاياللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق (سۆز) نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ(4).

ٱدۡعُوهُمۡ لِأٓبَآئِهِمۡ هُوَ أَقۡسَطُ عِندَ ٱللَّهِۚ فَإِن لَّمۡ تَعۡلَمُوٓاْ ءَابَآءَهُمۡ فَإِخۡوَٰنُكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَمَوَٰلِيكُمۡۚ وَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٞ فِيمَآ أَخۡطَأۡتُم بِهِۦ وَلَٰكِن مَّا تَعَمَّدَتۡ قُلُوبُكُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمًا

ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(5).