Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

السَّجدة

السَّجدة is chapter ٣٢ of the Quran and has ٣٠ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

30 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٣٢
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

الٓمٓ

ئەلىف، لام، مىم(1).

تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ لَا رَيۡبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

(بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر(2)

أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۚ بَلۡ هُوَ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٖ مِّن قَبۡلِكَ لَعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ

مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر(3).

ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ مَا لَكُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِيّٖ وَلَا شَفِيعٍۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ

ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق (بۇنى) پىكىر قىلىپ (ئىمان ئېيتمامسىلەر؟)(4).

يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ يَعۡرُجُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥٓ أَلۡفَ سَنَةٖ مِّمَّا تَعُدُّونَ

ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ(5).