Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

النَّبَإ

النَّبَإ is chapter ٧٨ of the Quran and has ٤٠ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

40 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٧٨
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ

(مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟(1)

عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلۡعَظِيمِ

ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ(2).

ٱلَّذِي هُمۡ فِيهِ مُخۡتَلِفُونَ

ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر(3).

كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ(4).

ثُمَّ كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ(5).