Skip to content

«كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ».

«مَنْ دَعَا إِلَى هُدًى كَانَ لَهُ مِنَ الْأَجْرِ مِثْلُ أُجُورِ مَنْ تَبِعَهُ، لَا يَنْقُصُ ذَلِكَ مِنْ أُجُورِهِمْ شَيْئًا، وَمَنْ دَعَا إِلَى ضَلَالَةٍ كَانَ عَلَيْهِ مِنَ الْإِثْمِ مِثْلُ آثَامِ مَنْ تَبِعَهُ، لَا يَنْقُصُ ذَلِكَ مِنْ آثَامِهِمْ شَيْئًا».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى سۆزى ۋە ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن توغرا يولغا باشلىغان، ھەق يولغا قىزىقتۇرغان ۋە ياخشىلىققا يېتەكلىگەن كىشىگە، توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىمكى كىشىلەرنى سۆزى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق باتىلغا، يامانلىققا، گۇناھ-مەسىيەتكە، خاتالىققا ياكى ھالال بولمىغان ئىشلارغا باشلاپ قويىدىكەن، ئۇ كىشىگە يامانلىققا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

توغرا يولغا دەۋەت قىلىش ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بۇ ياخشى ئىش، دەۋەتچى ئۈچۈن دەۋەتكە ئەگىشىپ ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، سېخىلىقىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كاتتىلىقىدۇر.

ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلىشنىڭ خەتىرى، ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلغۇچىغا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەمەل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا ئوخشاش گۇناھ يېزىلىدۇ.

جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىگە كۆرە بولىدۇ، ياخشىلىققا چاقىرغان كىشىگە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ، يامانلىققا چاقىرغان كىشىگە يامانلىقنى قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ.

مۇسۇلمان كىشى ئىنسانلارغا كۆرسۈتۈپ گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ قىلىشىدىن بەك ھەزەر قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى باشقىلارنى خاتالىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمىسىمۇ، ئۆزى خاتالىقنى ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (11)

سەھى مۇسلىم (4/ 2060) (2674).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (1/ 262).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل آل مبارك (ص141).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (2/ 360).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (3/ 554).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

مجموعة من الباحثين (1/ 199).