Skip to content

«رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كېرىسىلەر».

ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن ۋىدالىشىش ھەججىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كېرىسىلەر».

«اتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ، وَصَلُّوا خَمْسَكُمْ، وَصُومُوا شَهْرَكُمْ، وَأَدُّوا زَكَاةَ أَمْوَالِكُمْ، وَأَطِيعُوا ذَا أَمْرِكُمْ تَدْخُلُوا جَنَّةَ رَبِّكُمْ».

تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىريەنىڭ ئونىنچى يىلى ۋېدالىشىش ھەججىدە ئەرەپات كۈنىدە خۇتبە سۆزلىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەجدە كىشىلەر بىلەن ۋېدالاشقانلىقى ئۈچۈن ۋىدالىشىش ھەججى دەپ ئاتالغان. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇپ تەقۋادار بولۇشقا بۇيرىغان. بىر كېچە-كۈندۈزدە ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇش. رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىش، ئۇنىڭدا بېخىللىق قىلماسلىق. ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىنغان كىشىلەرگە ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى جەننەتكە كېرىش بولىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

بۇ ئەمەللەر جەننەتكە كېرىشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (6)

سۈنەن تىرمىزى (1/ 602) (616).

مۇسنەد ئەھمەد (36/ 486) (22161).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (1/ 534).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (1/ 105).