Skip to content

مەندىن مەزى كۆپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئايالىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ سوئالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ھايا قىلىپ، مىقداد بىن ئەسۋەدنى سوراشقا بۇيرىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ»

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

مەندىن مەزى كۆپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئايالىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ سوئالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ھايا قىلىپ، مىقداد بىن ئەسۋەدنى سوراشقا بۇيرىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ»، بۇخارىينىڭ رىۋايىتىدە:«تاھارەت ئالغىن ۋە ئەۋرىتىڭنى يۇغىن» دېگەن.

كُنْتُ رَجُلًا مَذَّاءً وَكُنْتُ أَسْتَحْيِي أَنْ أَسْأَلَ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لِمَكَانِ ابْنَتِهِ فَأَمَرْتُ الْمِقْدَادَ بْنَ الْأَسْوَدِ فَسَأَلَهُ فَقَالَ: «يَغْسِلُ ذَكَرَهُ وَيَتَوَضَّأُ». وَلِلبُخَاريِّ: فَقَالَ: «تَوَضَّأْ وَاغْسِلْ ذَكَرَكَ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن مەزىينىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. مەزىي دېگەن: ئىنساندا شەھۋەت قوزغالغاندا ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى جىنسى ئەزاسىدىن چىقىدىغان شىلىمشىق، سۇيۇق ئاق سۇدىن ئىبارەت. مەزى چىققاندا قانداق قىلىشنى بىلمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراي دىسە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئايالى بولغانلىقى ئۈچۈن سوراشتىن ھايا قىلىدۇ. مىقداد بىن ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەۋرىتىنى يۇيىۋېتىپ تاھارەت ئالسۇن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئۇ كىشىنى ھايا ۋاستە بىلەن بولسىمۇ سوئال سوراشتىن چەكلەپ قويمىدى.

ئورنىغا بىرسىنى ئەۋەتىپ پەتىۋا سورىسا دۇرۇس بولىدۇ.

پايدىلىق ئىشلاردا ئىنسان ئۆزى ھايا قىلىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەرسە دۇرۇستۇر.

مەزىي نىجىستۇر، ئۇنى بەدەندىن ۋە كىيىمدىن يۇيىۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ.

مەزىينىڭ چىقىشى تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللاردىندۇر.

يەنە بىر ھەدىستە بايان قىلىنغانغا كۆرە: ئەۋرىتى بىلەن بىرگە تاشاقنىمۇ يۇيۇش ۋاجىبتۇر.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (8)

سەھى بۇخارى (1/ 62) (269).

سەھى مۇسلىم (1/ 247) (303).

الإلمام بشرح عمدة الأحكام.

لإسماعيل الأنصاري (1/ 39).

تيسير العلام شرح عمدة الأحكام.

للبسام (ص53).

خلاصة الكلام شرح عمدة الأحكام.

لفيصل آل مبارك (ص29).