Skip to content

«پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ»

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ»

«لَا تَصْحَبُ الْمَلَائِكَةُ رُفْقَةً فِيهَا كَلْبٌ وَلَا جَرَسٌ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، سەپەردە ئىتنى ھەمراھ قىلغان ۋە ئۇلاغنىڭ بوينىغا قۇڭغۇراق ئاسقان كارۋانغا پەرىشتىلەرنىڭ ھەمراھ بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئىت بېقىش ۋە ئىتنى ھەمراھ قىلىۋېلىشتىن چەكلىدى، ئەمما ئوۋ ئىتى ۋە چارۋىلارنى ھىمايە قىلىدىغان، قورۇ-جاينى باقىدىغان ئىتلار بۇنىڭدىن ئىستىسنادۇر.

كارۋانلارغا ھەمراھ بولۇشتىن چەكلىنىدىغان پەرىشتىلەر بولسا رەھمەت پەرىشتىلىرىدۇر، ئەمما ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پەرىشتىلەر بولسا سەپەردىمۇ ۋە مۇقىم تۇرغاندىمۇ ئايرىلمايدۇ.

قۇڭغۇراق ئېسىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ شەيتاننىڭ چالغۇلىرىدىن بىرى ئېدى، بۇنىڭدا خىرىستىيانلارنىڭ چالىدىغان قوڭغۇراقلىرىغا ئوخشاپ قىلىش بار.

مۇسۇلمان كىشى پەرىشتىلەرنى يىراقلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسە ۋە ئىشلاردىن يىراق بولۇش كېرەك.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (12)

سەھى مۇسلىم (3/ 1672) (2113).

نزهة المتقين.

لمجموعة من الباحثين (2/ 1156).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (20/ 67).

بهجة الناظرين.

لسليم الهلالي (3/ 188).

كشف المشكل من حديث الصحيحين.

لابن عثيمين (3/ 564).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (6/ 431).

شرح النووي على مسلم (14/ 95).