ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشى ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ
ئەبى مەسئۇد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەپەردە ئۇلۇغىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماڭا سەپەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بىر ئۇلاغ ياردەم قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ يېنىمدا ھېچ نەرسە يوق» دېدى، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۇنى سەپەرگە يولغا سېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشى ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دېدى».
جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالَ: إِنِّي أُبْدِعَ بِي فَاحْمِلْنِي، فَقَالَ: «مَا عِنْدِي»، فَقَالَ رَجُلٌ: يَا رَسُولَ اللهِ، أَنَا أَدُلُّهُ عَلَى مَنْ يَحْمِلُهُ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «مَنْ دَلَّ عَلَى خَيْرٍ فَلَهُ مِثْلُ أَجْرِ فَاعِلِهِ».
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەپەردە ئۇلۇغىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماڭا سەپەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بىر ئۇلاغ ياردەم قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە ئۈزۈر ئېيتىپ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئۇ كىشىگە ياردەم قىلغۇدەك بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، سورۇندا بولغان كىشىلەردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۇنى سەپەرگە يولغا سېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ كىشىنىڭ، ئېھتىياجلىق كىشىنى ھاجىتىگە باشلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاپتا سەدىقە قىلغۇچىغا ئورتاق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
...:
ياخشى ئىشقا يېتەكلەش ۋە ياردەمچى بولۇشقا قىزىقتۇرۇش.
مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ساۋاپ بولىدىغان ياخشى ئىشلارغا قىزىقتۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭرىدۇر.
ھەدىس ئومۇمى قائىدە بولۇپ، ھەر قانداق ياخشى ئەمەللەر بۇنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.
ئىنسان ھاجەتمەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، ئۇ كىشىنى ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بېرىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ قويۇش.
تېخىمۇ كۆپ (6)
سەھى مۇسلىم (3/ 1506) (1893).
شرح النووي على مسلم (11/ 166).
توضيح الأحكام من بلوغ المرام.
للبسام (7/ 349).
فتح ذي الجلال والاكرام بشرح بلوغ المرام.
لابن عثيمين (6/ 298).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
6 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (6)
- التحقيق والإيضاح لكثير من مسائل الحج والعمرة والزيارة على ضوء الكتاب والسنةالتحقيق والإيضاح لكثير من مسائل الحج والعمرة والزيارة - النسخة المعتمدة«مَنْ دَلَّ عَلَى خَيْرٍ فَلَهُ مِثْلُ أَجْرِ فَاعِلِهِ» [104]
- الدعوة إلى الله وأخلاق الدعاة«مَنْ دَلَّ عَلَى خَيْرٍ فَلَهُ مِثْلُ أَجْرِ فَاعِلِهِ »
- المنتقى من المتجر الرابح في ثواب العمل الصالح - المعتمدالمنتقى من المتجر الرابح في ثواب العمل الصالح“من دل على خير فله مثل أجر فاعله”.
- تحفة الأخيار تحفة الأخيار (ببيان جملة نافعة مما ورد في الكتاب والسنة من الأدعية والأذكار)«مَنْ دَلَّ عَلَى خَيْرٍ فَلَهُ مِثْلُ أَجْرِ فَاعِلِهِ» [102]
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 1 «مَنْ دَلَّ عَلَىٰ خَيْرٍ فَلَهُ مِثْلُ أَجْرِ فَاعِلِهِ»،
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 2«مَنْ دَلَّ عَلَىٰ خَيْر فَلَهُ مِثْلُ أَجْرِ فَاعِلِهِ».