Skip to content

«ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ».

جۇبەير بىن مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

«ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ».

«لَا يَدْخُلُ الْجَنَّةَ قَاطِعُ رَحِمٍ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن ئالاقىسى ئۈزۈپ، ئۇلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنى ئۆتەشتىن باش تارتقان ياكى ئۇلارغا ناچارلىق قىلىپ ئەزىيەت يەتكۈزگەن كىشىنىڭ جەننەتكە كېرىشكە ھەقلىق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

.....:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

سىلە-رەھىمنى ئۈزۈش بولسا چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر.

سىلە رەھىم بولسا شەرىئەت كۆرسىتمىسىگە كۆرە بولىدۇ، سىلە-رەھىم ئورۇن، زامان ۋە شەخسلەرنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن ئۆزگۈرەيدۇ.

سىلە رەھىم قىلىش بولسا: بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىش، خەيرىخالىق قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، كېسەللەرنى يوقلاش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ.

تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت يېقىن بولغانسىرى، ئۇنى ئۈزۈۋېتىشنىڭ جىنايىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (7)

سەھى مۇسلىم (4/ 1981) (2556).

سەھى بۇخارى (8/ 5) (5984).

شرح النووي على مسلم (16/ 113).

منحة العلام في شرح بلوغ المرام.

لعبد الله الفوزان (10/ 90).

فتح ذي الجلال والإكرام بشرح بلوغ المرام.

لابن عثيمين (6/ 277).